سۈن چۈنلەن، ئايال، خەنزۇ، 1950- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي راۋياڭدىن، 1969- يىلى 11- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
1965- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن سانائەت تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان
1969- يىلىدىن 1974- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن سائەت زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، سېخ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، زاۋۇت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان
1974- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك 1- يېنىك سانائەت ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان
1975- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك يېنىك توقۇمىچىلىق سانائىتى ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان
1977- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەلىك تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان
1979- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەلىك تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان(خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان)
1980- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەلىك تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 1981- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان)
1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەلىك تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن فابرىكا باشلىقى بولغان
(1986- يىلى 2- ئايدىن 1986- يىلى 11- ئايغىچە، پارتكومنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان)
1986- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيەلىك تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان
1988- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان
1991- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان
(1989- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا سىرتتىن ئوقۇغان؛ 1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)
1993- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان
1994- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان
1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان
(1992- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەدبىر بەلگىلەش- باشقۇرۇش ئىلمى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان)
1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان
1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان
2001- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، داليەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2001- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، داليەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
(2000- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار سىنىپىنىڭ سىياسىي كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان)
2005- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان
2009- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2010- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان
2012- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان
2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان
2017- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان
2018- يىلى − مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15- ، 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.