خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئايرىم-ئايرىم 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە 3000دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا تىزىملاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە 2000غا يېقىن ئېلىمىز مۇخبىرى، 1000غا يېقىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن مۇخبىرى ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بار.
2018-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ 1-يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يېتىشتىكى ھالقىلىق يىل، «13-بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتىكى ھالقىلىق بىر يىل. 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۇنجى ئاچقان يىغىنى، ھالقىلىق ۋاقىتتىكى ھالقىلىق يىغىن. بۇ يىلقى ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىمۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىنىڭ بىر مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا، كۆپلىگەن نۇقتىلىق تارماقلارنىڭ مۇھىم مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ ۋە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە نوپۇزلۇق جاۋاپ بېرىدۇ. «مىنىستىرلار يولى»، «ۋەكىللەر يولى»، «ئەزالار يولى»دىمۇ مۇھىم مەزمۇنلار نامايان قىلىنىدۇ. ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىدۇ.»
سۈرەتتە: 27-فېۋرال، ئىككى مۇخبىر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە سۈرەتكە ئېلىپ زىيارەت قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى