سۈرەتتە: مۇخبىرلار خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى شياڭخې ماشىنا ئادەم كىچىك بازىرىدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان 100دىن ئارتۇق مۇخبىر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ خەلقئارا سودا مەركىزىدىن 40 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرىگە بېرىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدىكى بىر شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ھېس قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى