خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 18- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق خادىملىرى، چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تېلېۋىزىيە ۋە تور قاتارلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق بۇ كاتتا يىغىنغا كۆڭۈل بۆلدى.بۇ، بېيرۇت ۋاقتى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى تاڭ سەھەردە، لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تىر شەھىرى شىننىياز كەنتىدىكى گازارما ئىچىدە19- قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرۈۋاتقان نەق مەيداندىن بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇنى كۆرىۋاتقانلار جۇڭگونىڭ 16- تۈركۈمدىكى لىۋانغا تىنچلىق ساقلاشقا ئەۋەتىلگەن كۆپ ئىقتىدارلىق ساپيورلار شۆبە ئەترىتىدىكىلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى