پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا يۇرتۇمدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن كۆپ. يېزا، كەنت، مەھەللە يوللىرىدىن تارتىپ تاكى ئاھالىلەر رايونىدىكى كىچىك يوللارغىچە ھەممىسى ئاسفالىتلاشتۇرۇلدى. دېھقان ئۆيلىرى مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىكنىڭ مالىيە ياردىمى ۋە ئاممىنىڭ ئۆز مەبلىغى جۇغلانمىسى ئاستىدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق، يۈرۈشلەشكەن، قوتان، باغ ئايرىۋېتىلگەن ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ يۇرۇتۇش، ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن ئازادە، يۇرۇق بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، رەتلىك، پاكىز بولغان ئاھالىلەر ئولتۇراق مەھەللىلىرى بەرپا قىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپېراتىپى ۋە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى تۈركۈم -تۈركۈملەپ بارلىققا كەلتۈرۈلدى. ھەر بىر ئائىلىدە ئەڭ كەم بولغاندا بىردىن كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىندى. ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەس قاتىدىغان ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش ئوموميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش يولى كېڭەيتىلدى؛ يېزا، شەھەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ، ئېغىر كېسەل تۈپەيلى نامراتلىشىپ كېتىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلدى؛ سەھىيە، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى پائال يولغا قۇيۇلۇپ ۋە مۇستەھكەملىنىپ، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
مەركەزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ناھىيە، شەھەر، يېزىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مائارىپ، سەھىيە-داۋالىنىش خىزمەتلىرى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ قاتناش، ئىچىملىك سۇ، توك راۋان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، يار - يۆلەكتە بولۇش، كۆيۈنۈش، بىر - بىرىگە ھەمدەمدە بولۇشتەك ياخشى كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ھەقىقىي نامايەند قىلىندى.
دادام ماڭا دائىم «بىر ئائىلە بىر تەشكىل، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ۋەتەننىڭ كىچىكلىتىلگەن جۈملىسىدىندۇر. ئۆزئارا بىرلىك بولمىغان ھەرقانداق ئائىلە خانىۋەيران بولماي قالمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن بىر پۈتۈن جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئەزالاردا يۈكسەك ئېتىقاد، ئىشەنچ ۋە بىرلىك بولمايدىكەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدۇ، شۇڭا، ھەر بىر ئادەمدە ئۆزئارا ئويۇشۇش، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئېتىقاد ۋە ئىنتىزام بولۇش كېرەك» دەپ نەسىھەت قىلىدىغان. كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، يۇرتىمىزدىكى، جۈملىدىن، شىنجاڭدىكى بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومتېتىنىڭ دانا رەھبەرلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى