باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر

بىر ئائىلە ۋەتەننىڭ كىچىكلىتىلگەن جۈملىسىدىندۇر(2)

2017.10.13 15:30   مەنبە: خەلق تورى

بىر ئائىلە ۋەتەننىڭ كىچىكلىتىلگەن جۈملىسىدىندۇر(2)

  قېرىندشلىرىم ئارىسىدا دۆلەت مەمۇرى، كەسپىي خادىم، تەكلىپلىك خادىم ۋە تىجارەتچىلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك ئىككى ئىنىم يەككە تىجارەتچى. ئۇلارنىڭ ھال-كۈنى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى تاللا بازىرى ئاچىدۇ. ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يۈەنلىك مال ساتىدىغان ئادەتتىكى ئۇششاق تىجارەتچىدىن بۈگۈنكىدەك يۈرۈشلەشكەن نەچچە يۈز كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە تاللا بازىرىنىڭ غۇجايىنىغا ئايلىنىپ، نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك ئىقتىسادى بار تىجارەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمۇ يەنىلا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش توغرا سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، بولۇپمۇ، پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىسادنى تېز تەرققىي قىلدۇرۇش، مۇقىم، ئىناق، ئىتتىپاق بولغان تىنچ ۋەزىيەت ئاستىدا گۈللەنگەن، باي – باياشاتچىلىققا، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇرت، ماكان قۇرۇپ چىقىش، 2020–يىلىغا بارغاندا ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيەلىك پىلاننىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان.

  ئەڭ كىچىك ئىنىم كەنتتە ئولتۇرىدۇ. تۆت نوپۇستىن تەركىپ تاپقان بىر ئائىلە كىشىلىرى پىششىق خىشتىن سېلىنغان، يەر تەۋرەشكە چىداملىق 120 كىۋادرات مېتىرلىق يۈرۈشلەشكەن، ئازادە، يۇپيۇرۇق ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. بالىلىرىنىڭ ھەممىسى يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمان بولدى، يەنە كېلىپ ياتاق، تاماق بىر تۇتاش ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان، زامانىۋى ئوقۇش– ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تۇلۇق سەپلەنگەن، دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى يولغا قۇيۇلغان يەسلىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ مائارىپنى ئالدىن زامانىۋىيلاشتۇرۇش، يەسلى مائارىپىنى ئوموميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرا سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، يەسلى مائارىپى كەنتلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا بىلىم ئېلىش، يەنە كېلىپ دۆلەت تىلى بويىچە ساۋادىنى چىقىرىش ئوموميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدىن بىز ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۆپ تىللىق بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ كەلگۈسى تۇرمۇش يولىنى توغرا تاللىيالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز ئاشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش، دادىل ئۈستىگە ئېلىش روھىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ماسلىشىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل ئىچىدە 200 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى ئوموميۈزلۈك قانات يايدۇردى. بۇ خىزمەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى، ياشاش شارائىتى، ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا ئالەمشومۇل ئۆزگىرىش ياساپ، ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يولىنى كېڭەيتتى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئاممىۋى خىزمەت ياخشى ئىشلەندى. ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بېيىش يولى كېڭەيتىلدى، نامراتلىقنى تۈگىتىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ياخشى ئىش قىلىش ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. نەتىجىدە يېزا، كەنت قىياپىتىدىلا ئۆزگىرىش بولۇپ قالماستىن، كەڭ ئامما، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. كەنت ئىككى بەنزىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ھەممىدە خەلق مەنپەئىتىنى ئويلايدىغان، مەسىلىلەرنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تەھلىل قىلىدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغان، ئىش قىلغاندا خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. پارتىيەنىڭ ئاۋازى ئاۋام ساداسىغا ئايلىنىپ، خەلقنىڭ پارتىيەگە، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىگە بولغان ئىشەنچ، ئېتىقادى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى؛ پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. مانا بۇلار پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىللىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاددى جۈملىسىدىندۇر.

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى