شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ياش ئارتىسلىرى ماھارەت مەشىقى قىلماقتا (9-ئاينىڭ 19- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى (شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى) 1949-يىلى قۇرۇلغان، بىر تۈركۈم مەشھۇر ئۇسسۇلچى، ناخشىچى ۋە زور ئەمەلىي كۈچى بار ئىجادىيەتچىلەرگە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مۇنەۋۋەر سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان «تەڭرىتاغ شادلىقى»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن شىنجاڭ» قاتارلىق 30 نەچچە چوڭ تىپتىكى تىياتىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇل، ناخشا، مۇزىكىلىق ئەسەرلىرى، ئېيتىشىش قاتارلىق نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىدى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن كۆپ قېتىم تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئويۇنى قويۇشقا قاتناشتى، تەكلىپكە ئاساسەن فىرانسىيە ، گوللاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا زىيارەتكە چىقتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى