باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2017 - يىللىق جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ 10 تۈرلۈك كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.08 14:55   مەنبە: خەلق تورى

2017 - يىللىق جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ 10 تۈرلۈك كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017 ـ يىللىق جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى 9- ياينىڭ 6- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە يىنچۈەندە ئۆتكۈزۈلدى. 2017 ـ يىللىق جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ 10 تۈرلۈك كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك 10 چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى: ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ئاساسلىق مېھمان دۆلەت مىسىرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى، ئاساسىي تېما ئۆلكە (فۇجيەن)نىڭ داڭلىق ئۆزگىچە تاۋار كۆرگەزمىسى، خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەخسۇس تېما كۆرگەزمىسى، ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى، يۇقىرى ۋە يېڭى تېخنىكا، جابدۇق كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ماركىلىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئەمەلىي كۆرگەزمىسى، 2017- يىللىق جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆزگىچە تاۋارلار ئىقتىساد-سودا پائالىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە 2017- يىللىق جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 2017- يىللىق جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كۆرگەزمىسى نىڭشيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە پائالىيىتىدە، كەسپىي تاماشىبىنلار كۈنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى قاتارلىق كۈنلەر تەسىس قىلىنغان. كەسپىي تاماشىبىنلار كۈنىنىڭ ئېكسكۇرسىيە ۋاقتى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە سائەت 9دىن 17:30غىچە، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنىنىڭ ئېكسكۇرسىيە ۋاقتى 9- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە سائەت 9دىن 17:30غىچە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى




ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
    ·بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…