باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى چېلىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

2017.09.06 14:55   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى چېلىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش مۇسابىقىسى، تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئالىمجان ئابدۇرېشىت 98 كىلوگىراملىق دەرىجىدىكى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

  16 كۈچلۈك ماھىر سەككىز كۈچلۈك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئالىمجان ئابدۇرېشىت 6:1 نەتىجە بىلەن ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئەلمۇرات دالۇباينى يېڭىۋالدى، سەككىز كۈچلۈك ماھىر تۆت كۈچلۈك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەندە، شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئالىمجان ئابدۇرېشىت 4:0 نەتىجە بىلەن خېنەن ماھىرى شې ۋېنخاۋنى يېڭىۋېلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئوخشاشلا 4:0 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى مېڭ لىڭجېنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ئالىمجان ئابدۇرېشىت 0:6 نەتىجە بىلەن ئىلگىرى رىئودى-ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ يەنە بىر ماھىرى شياۋ دىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

  5- سېنتەبىر سائەت 18گىچە، مەملىكەتلىك بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بەش ئالتۇن مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال، 10 مىس مېدالغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال ۋە ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
    ·بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…