خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، باشلىنىش مۇراسىمىدا ياردەمگە ئېرىشكەن بالىلار ۋەكىللىرىگە مېھىر پوپايكىسى تەقدىم قىلىنماقتا. شۇ كۈنى، 2017-يىللىق «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ھەرىكىتى — مىليونلىغان ئائىلىنىڭ مېھرىنى باغلاش» ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى 2014-يىلى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويغان جامائەت پاراۋانلىقى تۈرى بولۇپ، بۇ تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىدىكى بالىلار ۋە مېيىپ-يېتىم بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەڭ ئائىلىلەر ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىنى بىرگە پوپايكا توقۇپ، ئۆزئارا سوۋغا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش شەكلى ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئائىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، مېھىربانلىقتا ھەمتۈرتكە بولۇش، دوستلىشىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى