8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىككى كىچىك تاماشىبىن «خاتىرە دەپتەر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى»نى كۆرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تەيبېيدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان «مىكرو كۆرگەزمە ـــ تاناكانىڭ ئاجايىپ-غارايىپ دۇنياسى» ناملىق بالىلار قىزىقارلىق ئەسەرلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ياپونىيە سەنئەتكارى تاناكا تۇرمۇشتىن كەلگەن ھەر خىل بۇيۇملارنى ئىشلىتىپ، ئۆزى ياسىغان كىچىك قونچاقلارنى قوشۇپ، تەسەۋۋۇرغا باي نۇرغۇنلىغان «مىكرو دۇنيا»لارنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە 10- سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى