4. بۇ 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان بىرازىلىيەنىڭ مانائۇس شەھىرى ئامازون دەريا ۋادىسى، بىر ياشانغان كىشى كېمە ھەيدەپ بۇ يەردىن ئۆتمەكتە. ئامازون دەرياسى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان،
ئاندىس تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6000 كىلومېتىر بولۇپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ، دۇنيادىكى ئېقىم مىقدارى ئەڭ كۆپ، ۋادىسى ئەڭ كەڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ. ئامازون دەرياسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتتىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، دەريانىڭ ئاساسلىق قىسمى بىرازىلىيەنىڭ چېگراسى ئىچىدە بولۇپ، بىرازىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئانا دەريا دېيىلىدۇ.