باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بىپايان يايلاقتا قاناتلانغان گۈزەل ئارزۇ(2)

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2017.08.10 09:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ رايون ئەھۋالى ئالاھىدە بولۇپ، يۆلەش- ئېچىشتا دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا: «كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى تۇتۇش كېرەك»، دەپ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  − 2009- يىلى 8- ئايدا دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ، كۆكخوت شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە داجاۋ ئالدى كوچىسىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلققە ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىلى ئىچكى موڭغۇلغا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە كەلگەندە شىڭئەن ئايمىقى ئارشان شەھىرىنىڭ ئىبستە بازىرىدىكى قىيىنچلىقى بار ئورمان خىزمەتچىسى گو يۇڭسەينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئورمانچىلىق رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: « بىر ئائىلە، ھەتتا بىر كىشىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمايدىكەن، بىزنىڭ ئىشىمىز تۈگىگەن بولمايدۇ؛ ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانمايدىكەن، بىز قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مىللىي رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، ئائىلە ۋە ئادەمگە قاراپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كەسىپلەر بويىچە يۆلەش، باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش، سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 410 مىڭ ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ھەقسىز مائارىپنى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4 تىن تۆۋەنلىتىپ، «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق» ئائىلىنى تۈگەتتى، نۇقتىلىق كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  ھازىر گو يۇڭسەي ئائىلىسىدىكىلەر كەپىلىك مەھەللىدىن بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ سۇ ۋە توكتىن غەم يېمەيدىغان، قىشتا ئۆيى پار بىلەن ئىسسىيدىغان بولدى، پېنسىيە مائاشىمۇ يىلدىن- يىلغا ئاشتى؛ باش شۇجىغا «توك، يول تۇتاشتۇرۇلمىدى» دەپ ئىنكاس قىلغان شىلىنخوت شەھىرىدىكى چارۋىچى ماجىگ كەنتتىكى 39 چارۋىچى ئائىلىسىگە نورمال توك يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، يېڭىدىن ئالتە كۆز قۇدۇق كولانغانلىقىنى، 13 كىلومېتىر سېمونت يول ياسالغانلىقىنى كۆردى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشقان كۆكخوت شەھەرلىك بالىلار ساناتورىيەسىدىكى گاچا قىز ۋاڭ يانى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئالاھىدە مائارىپ تېخنىكا مەكتىپىدە كەسىپ ئۆگىنىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يەن جىجىڭ ئارزۇسى بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولدى ھەم كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى قىلىپ يېزىغا ئەۋەتىلدى. ئوتوك خوشۇنى سەنئۇسۇ كەنتىدە 61 ياشلىق چارۋىچى بايىرباتىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 3000 مودىن كۆپرەك يايلاقنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر يىلى چارۋىچىلىقتىن قىلىدىغان كىرىمىگە يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى قوشۇلۇپ، 200 مىڭ يۈەندەك كىرىم قىلىدىغان بولدى؛ شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان داۋالىنىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىچكى موڭغۇلدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 75.8 ياشقا ئۆستى؛ 2008- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل كەپىلىك مەھەللىلەردىكى 1 مىليون 576 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىپ، تەخمىنەن 4 مىليون 380 مىڭ شەھەر- بازار ئاھالىسىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

  ۋاقىت ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، مېھىر- مۇھەببەت يەنىلا ئۆزگەرمىدى.

  «خەلقنى قەلبىمىزنىڭ تۆرىگە قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىشىمىز كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىلىنخوت شەھىرى چۇغۇلغۇن كوچىسى ئەيمىن مەھەللىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يوليورۇق بەردى: يايلاقتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتقاندىلا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش غەيرىتى تولۇپ تاشىدۇ.

  ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دادىللىق بىلەن ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىش

  − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، شىمالنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىنبارغۇ خوشۇنى كېرۇلىن يېزىسى ماڭلا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مىجگ ياز كىرىشى بىلەنلا چارۋىچىلار بىلەن يايلاقتا نۆۋەتلىشىپ چارۋا بېقىشنى كېڭىشىپ، كەنتتىكى 600 مىڭ مودىن كۆپرەك يايلاقتا رايون، پەسىلگە ئايرىپ پادا بېقىشقا تەييارلىق قىلدى.

  مىجگ مۇنداق دېدى: بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى ۋە بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، يايلاقنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ يەنە قويلارنى سەمرىتىشكە پايدىلىق، كۆپ ساندىكى چارۋىچىلار مۇشۇنداق قىلىشنى خالايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013- يىل 5- ئاينىڭ 4- كۈنى بېيجىڭدا ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە موڭغۇل ياشلارنىڭ ۋەكىلى مىجگدىن سەمىمىيلىك بىلەن يايلاقنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئارام ئالدۇرۇشنى يولغا قويغىلى بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى سورىدى ھەم ئۇنىڭغا يايلاقنى ياخشى قوغداش بىلەن بىللە، چارۋىچىلارنى بېيىشقا يېتەكلەشنى جېكىلىدى. مىجگ: «بۇ، ئىنتايىن شەرەپلىك مەسئۇلىيەت» دېدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرلەر ئەڭ تولۇق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك ئىقتىدار رايونى بولۇپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، كۆل، قۇملۇق، چۆللۈك قاتارلىق ھەر خىل تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە، كەڭ كۆلەمدە ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە رايونى ساقلىنىپ قالغان.

  ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ گۈزەل مۇھىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنى بىر تەرەپتىن چەكسىز ھاياجانلاندۇردى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەندىشىگىمۇ سالدى.

  2013- يىلىدىن بۇيان خولۇنبېر كۆلىنى قوغداش ۋە تۈزەش خىزمىتى، ئاراشان ئايمىقى تېڭگىلى سانائەت رايونىدا يۈز بەرگەن مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى. ئۇ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ تۈزىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ۋە قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇلغىنىش بىلەن تۈزەش ئۆزئارا تىركىشىدۇ، مەسىلە بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. «ئىلگىرىلىگەنلەر غەلىبە قازىنىدۇ، ئىلگىرىلىمىگەنلەر مەغلۇپ بولىدۇ» دەيدىغان تارىخىي پەيتتە تۇرۇۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قانداق ئىشلىشى كېرەك؟

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىلى ئىچكى موڭغۇلنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مەۋقەنى پۈتۈن مەملىكەتكە قويۇپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئاممىغا مۇنداق ئېنىق كۆرسەتمە بەردى: «پەقەت ئىككىلا چىقىش يولى بار: بىرى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بېيجىڭ- تيەنجىننىڭ قۇم- بوران مەنبەسىنى تۈزەش، <ئۈچ شىمال> ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ياخشى قىلىش؛ يەنە بىرى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا پائال ئىزدىنىش».

  ئىككى يول، بىر يۆنىلىش بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى.

  ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يايلاق، ئورماننى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، چوڭ ھېنگان، يىنشەن ۋە خېلەنشەن ئېكولوگىيە مۇداپىئە توسۇقىنى نۇقتىلىق قۇردى، قۇملۇق مۇداپىئە رايونى، چۆللۈك مۇداپىئە رايونى، يايلاقنى قوغداش ۋە تۈزەش رايونى، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى ئېدىرلىق- جىلغىلاردا سۇ- تۇپراقنى ساقلاش رايونىنى قۇرۇپ، سۇلۇق يەر قاتارلىق چەكلەنگەن ئېچىش رايونىنى قوغداش ۋە گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ توسۇق، تۆت رايون»لۇق ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى شەكىللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە يوليورۇقىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، سىياسىي جەھەتتە قوللاش، مەبلەغ سېلىش، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، نىزام تۈزۈپ قوغداش، بېلىقچىلىقنى چەكلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خولۇنبېر كۆلىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتتى؛ تېڭگىر كەسىپلەر سانائەت رايونىدا يۈز بەرگەن مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۆزگەرتىش- تۈزەشنى كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، 24 مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن- ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈردى، شۇنداقلا بىرنى كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، مۇھىت جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپ ۋە مەسىلىلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇبىر ئۆزگەرتتى.

  ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا 182 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، 43 دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى، 49 دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى، يەنە ئۈچ دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى، سەككىز دۆلەت دەرىجىلىك گېئولوگىيە باغچىسى قۇرۇلدى. 2016- يىلى ئىچكى موڭغۇلدىكى 12 ئايماق، شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى 314 كۈنگە، ياخشى ھاۋارايىلىق كۈن نىسبىتى %86 كە يەتتى.

  مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىچكى موڭغۇل يەنە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلدى، تەبىئىي بايلىق مۈلكى قەرز جەدۋىلىنى تۈزۈش جەھەتتە رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى يولغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  قەلبداش بولۇش، قول تۇتۇشۇش

  − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئىچكى موڭغۇلنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىن ئىبارەت بۇ مەنزىرە رايونىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئارشىن ئايمىقى ئېجىنا خوشۇنى سەيخانتاۋلەي يېزىسى مېڭگېتۇ كەنتىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۇيۇنسۇيىلا بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال، چۈنكى بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئۆزىنىڭ يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى تەجرىبىسى ئارقىلىق بىر تۈركۈم چارۋىچىلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك، مېھمانخانا، تىرانسپورت قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولدى، ھازىر ئۇلارنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ ئون يىل ئىلگىرىكىدىن بەش ھەسسە ئارتۇق ئىكەن. ئۇيۇنسۇيىلا: ھازىر ھەممەيلەن خىش- كاھىشلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، نۇرغۇن ئائىلىلەر تېخى پىكاپمۇ سېتىۋالدى، دېدى.

  2015- يىل 9- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۇيۇنسۇيىلا ئاساسىي قاتلامنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇنەۋۋەر ۋەكىلى سۈپىتىدە «خەلق» سارىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇيۇنسۇيىلا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى مەن بىلەن قول ئېلىشقاندا، نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن دەرھال <مەن كەنت كادىرى> دېدىم، باش شۇجى ماڭا <ئاممىنى ياخشى يېتەكلەڭ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەڭ> دېدى».

  ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ موڭغۇل ئاساسىي قاتلام كادىرىغا بەرگەن كۈچلۈك ئىلھامى، شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلارغا قويغان ئېنىق تەلىپى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاددىي، ئەمما كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىچكى موڭغۇلغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى- مۇقىملىقىنى قوغداشتا چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللەتلەر ئىناق بولمىسا، كۈنبويى قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ھېچقانداق مىللەتنىڭ ياخشى كۈنگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك».

  پويىزنىڭ تېز يۈرەلىشى پاراۋۇزغا باغلىق. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ 2009- يىلى ئىچكى موڭغۇلنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كۆكخوت شەھىرىنىڭ سەيخەن رايونى بىلىم يۇرتى گۈللۈكى يولى مەھەللىسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر ياڭ جۇڭلىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئالدى.

  ئۇ 2014- يىلى ئىچكى موڭغۇلنى كۆزدىن كەچۈرگەندە يەنە كۆكخوت شەھىرىگە ئالايىتەن بېرىپ، يولداش نيۇ يۈرۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى. موڭغۇل كادىر نيۇ يۈرۇ باشتىن- ئاخىر ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلەپ، خەلقنى كۆزلەپ، 2014- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانىدى.

  چېگرادا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى قوغداۋاتقان ھەر دەرىجىلىك ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ئوخشاشلا ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىتتىپاقلىقى- مۇقىملىقىنىڭ كۈچلۈك توسۇقى.

  2015- يىل 2- ئاينىڭ 16- كۈنى بىر پارچە جاۋاب خەت ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونى چېگرا مۇداپىئەسى مەلۇم تۈەنى 1- ليەنىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى چەكسىز ھاياجانغا سالغانىدى!

  «يولداشلارنىڭ ليەندۈينىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ليەندۈيدە، چېگرا مۇداپىئەسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتىنىمىز شىمالىي چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم پاسىلىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014- يىلى ئىچكى موڭغۇلنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇشۇ ليەندۈينى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. «بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا كۆنەلىدىڭلارمۇ؟»، «يۇرتىڭىز نەدىن؟»، «بۈگۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، پوستتا تۇراي»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىگە ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى سالغانىدى. كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭغا ليەندۈي ۋە ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى دوكلات قىلىش ئۈچۈن بىر پارچە خەت يازغانىدى. ئۇلار باش شۇجىنىڭ ئۆزلىرىگە شۇنچە تېز جاۋاب خەت ئەۋەتىشىنى ئويلىمىغانىدى.

  «كۆپچىلىكنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، <شىمالىي چېگرا رايون مۇھاپىزەتچىسى> لىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، چېگرا مۇداپىئەسى ئۈچۈن يىلتىز تارتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداپ، چېگرا مۇداپىئەسىگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ليەندۈينى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدە چىڭ ساقلاقلىق.

  سەمىمىي غەمخورلۇق قەلبلەرنى ئىللىتتى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمەي قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ئېنىق، كۈچلۈك يېتەكچىلىكى ئېلىمىزنىڭ شىمالىي چېگرا رايونىنى ئىللىتىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلارنى قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ، تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، ھەرقايسى ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  «كۆپكۆك ئاسماندا ئاق بۇلۇت ئۈزەر، ئاق بۇلۇت ئاستىدا ئاتلار يۈرۈشەر».

  نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان موڭغۇل ئېتى ئات ئۈستىدىكى مىللەتنىڭ قاتناش قورالىغا ۋە ھەمراھىغا ئايلىنىپلا قالماستىن، يەنە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرىنى جۇغلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تولىمۇ ئوبرازلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «موڭغۇل ئېتى چەت ئەلدىكى داڭلىق ئاتلاردەك بەستلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە چىدامچانلىقى زور، بەدىنى ساغلام. بىز ئىش قىلىش، ئىگىلىك يارىتىشتا موڭغۇل ئېتىغا ئوخشاش جاپاغا چىدايدىغان، چىدامچان، نىشاندىن ئېغىشماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھنى يىتىلدۈرۈشىمىز كېرەك».

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، «موڭغۇل ئېتى روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشنىڭ ئۇل تېشىنى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يېڭى پەللىگە چىقىشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ بىپايان شىمالىي چېگرا رايونىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققۇسى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى)
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر