خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭنىڭ جۇخەيدە 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان قىرغۇچى - 20 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە (2016- يىلى 11- ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان).
ۋاقىت خۇددى ئاققان سۇدەك ئۆتۈۋاتىدۇ. ھەر بىر دەبدەبىلىك مۇساپىلەر ئۇزاق تارىخ جەريانىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قىسقىغىنە بەش يىلدا، ئارمىيەمىز 90 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شۇقەدەر قۇدرەت تاپتى، شۇقەدەر زورايدى — پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ئېنىق بېكىتىلدى، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىغا جىددىي كىرىشتى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا دادىل قەدەم تاشلاندى، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگىدەك مەردانە قەدەم تاشلاندى...
رەئىس شى جىنپىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك قايتا تۈزەپ، جەسۇرانە ئالغا بېسىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە تارىخىي قەدەم باستى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى