خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجىن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپىي سودا يەرمەنكىسىدە، يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان شىنجاڭ تاۋارلىرى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىرات بەردى. يوللۇق ئەتلەس بىلەن لايىھەلەنگەن ياستۇق، ئىستاكان، سومكا، ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللىتىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ياسالغان مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئىنچىكىلىك بىلەن توقۇلغان ئۇيغۇر كەشتە توقۇلمىلىرى، مېزىلىك ئەتىرگۈل نېنى كۆرگەنلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتسا، شىنجاڭدىكى «دۆلەت رەسىم يۇرتى»نىڭ سەنئەتكارى تاماشىبىنلارغا ھۆسىن خەت ئارقىلىق رەسىم سىزىش ھۈنىرىنى تەقدىم ئەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى