خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، ھازىرقى دۇنيانىڭ قەدىمقى «يىپەك يولى»نىڭ شانلىق تارىخىغا بولغان ئورتاق تارىخىي ئەسلىمىسىنى ئويغىتىپ، سىغدۇرۇشچانلىقى ناھايىتى زور بولغان تەرەققىيات سۇپىسىنى ھازىرلاپ، بۇ لىنىيەنى بويلىغان رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ۋە سودا پۇرسىتى ياراتتى.
ئېكسكۇرسىيەچىلەر جىڭدېجېن خەلقئارا ساپالچىلىق يەرمەنكىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. (2016- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى فوتوسى)
1700 يىلدىن ئارتۇق ساپالچىلىق تارىخىغا ئىگە جىڭدېجېن، ئۆزىنىڭ «قاشتېشىدەك ئاق، قەغەزدەك نېپىز، ئەينەكتەت روشەن، سازدەك جاراڭلىق» فارفۇر بۇيۇملىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىن بۇيان، جىڭدېجېننىڭ فارفورلىرى دەل دېڭىز يىپەك يولىدىكى كۆپ مىقدارلىق تاۋار ھېسابلىنىپ كەلگەن ئىدى. دېيىلىشلەرگە قارىغاندا، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جىڭدېجېندا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆك گۈللۈك فارفۇر ئىلگىرى «يىپەك يولى»نى بويلاپ 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلغان ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى