ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېما گۇرۇھىنىڭ چىلانتۇرۇق بازىسىدا، بىر چەۋەنداز دۇلدۇلغا مىنىپ ئۇچقاندەك چاپماقتا (23- ئاپرېل تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزىگە جايلاشقان، قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى ھەمدە ياۋروپانى ئۇلاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولى ئىدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئۆزىنىڭ ئەۋزەل رايون بولۇشتەك ئورۇن ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكى بىلەن، ھەمدە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى چۆرىدىگەن ھالدا، قاتناش تۈگۈنى، سودا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بەش چوڭ مەركەزنى قۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. ئۈرۈمچى، بۇ، تارىخى ئۇزۇن ۋە مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلەشكەن شەھەر، يىپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى نامايان قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى