باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 7- نۆۋەتلىك «غالىبلار لوڭقىسى» ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.05.03 11:01   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 7- نۆۋەتلىك «غالىبلار لوڭقىسى» ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 29- ۋە 30- كۈنلىرى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 7- نۆۋەتلىك «غالىبلار لوڭقىسى» ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 7- نۆۋەتلىك «غالىبلار لوڭقىسى» ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە پايتەختتىكى 14 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 16 كوماندا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى، ھەمدە 36 مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق، بېيجىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىرىنچىلىككە، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن يەنە ئۈچ نومۇرلۇق توپ مۇسابىقىسى، توپنى بېسىپ كىرگۈزۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، مۇسابىقە قاتناشچىلىرىنىڭ ماھارىتى نامايان قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پايتەختتىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 500 نەپەردىن ئارتۇق ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ …
    ·ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تائامى — پولۇ
    ·يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى خاتىرىلەندى
    ·بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قو…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۆي-زېمىن ئەمەلىي تۇرالغۇ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە ك…
    ·ئۆزبېكىستان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…