خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى سايمەھەللە كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كەنت بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىغا دوكلات قىلدى .
سايمەھەللە كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش سەۋەبىدىن، نۇرغۇن دېھقان نامراتلىشىپ كەتكەن ئىدى .
خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن كەنت بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى مەسلىھەتلىشىپ، كەنتتىكى ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئون ئائىلىگە بېرىپ ئۇن، ياغ ، نەق پۇل بىلەن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى