خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا لوس- ئانژېلىستىكى ھوللىۋود دۇبى تىياتىرخانىسىدا، ئېمما ستون (سولدا) مۇكاپات تارقاتقۇچى لېئوناردو دېكاپيونىڭ قولىدىن مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالدى. ئېمما ستون «ئارزۇ شەھىرى» ناملىق كىنودىكى جانلىق ئىپادىسى بىلەن 89-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى