خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 2-يانۋار، تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى بۆلىكىدە تارتىلغان توغراقلىق تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئاز كۆرۈلىدىغان تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى نامايان بولدى. تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراق، يۇلغۇن قاتارلىق قۇملۇق دەرەخلىرى قاردىن لىباس كىيىپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تۈسكە كىردى. ئىگىلىنىشىچە، تۇمان سۆڭگىسى سۆڭگە دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، زىمىستان قىش پەسلىدە ھاۋادا ھەددىدىن زىيادە تويۇنغان سۇ پارىنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى