خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز، ئەركىن ئوسمان خەۋىرى، فوتوسى) 3- دېكابىر، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى بەشمەرەك كەنتىدە «ئىككى يىغىن» روھىنى ئۆگىنىش بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇسابىقىگە كەنت تەۋەسىدىكى پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى. مۇسابىقىدە تۆت مەھەللە گۇرۇپپىدىن تاللانغان 12 ماھىر نەق مەيداندا «ئىككى يىغىن»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەش بىلەن بىللە، سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بەردى. باھالىغۇچىلارنىڭ ئادىل باھالاپ چىقىشى بىلەن 1-،2-،3- لىككە ئېرىشكەن گۇرۇپپا ۋە ماھىرلار تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى
سۈرەتتە: 3- دېكابىر بەشمەرەك كەنتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى