باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى سەككىز چوڭ مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

2016.11.30 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى پىكىرى» 27- كۈنى رەسمىي سىرتقا ئېلان قىلىندى. ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مەركەزنىڭ نامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى بولغان بۇ «پىكىر» ئۇزۇندىن بۇيان جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سەككىز چوڭ مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئاجىز بولۇپ قالغان: باراۋەر قوغداشتا چىڭ تۇرۇش لازىم

  تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى قانۇن-تۈزۈم ئوخشاش بولمىغان مۇلۈكچىلىكتىكى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا باراۋەرلىكى يېتەرلىك بولماسلىق، ھەمدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى، بولۇپمۇ دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا قارىغاندا نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ قېلىشتەك مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى سۇبيېكتلىق سالاھىيىتى تۈپەيلىدىن ئوخشاش جىنايەتكە ئوخشىمىغان جازا بېرىش ياكى ئوخشىمىغان جىنايەتكە ئوخشىمىغان جازا بېرىش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلگەن ئىدى.

  باراۋەر قوغداش بولسا، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇھىم پىرىنسىپ. مەزكۇر «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغىمۇ ئوخشاشلا چېقىلىشقا بولمايدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانا تەشكىلىي شەكلى ۋە مەبلەغ چىقارغۇچى ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىق شەكلى ئاساس قىلىنغان بازار سۇبيېكتى قانۇن-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش تەتقىق قىلىپ ئېنىقلاش، مۈلۈكچىلىك تىپى ئوخشاش بولمىغان بازار سۇبيېكتى بويىچە تۈزۈلگەن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارنى بىكار قىلىش لازىم. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان مال-مۈلۈككە بولغان قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىلگىرىكى تىجارەتى قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى: قانۇننىڭ ئىلگىرىكىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش لازىم

  ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان, تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۆز تىجارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا قائىدىگە خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىش، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېگەندەك بەزى قىلمىشلىرى ساقلانغان. بولۇپمۇ، شۇنداق كارخانىلارنىڭ قىلمىشلىرى دېلولارغا تاقىلىدىغانلا بولسا، ئۇلار ئاسانلا «كونا-يېڭى ھېسابنى بىرلا قىلىش»تەك مەسىلىلەرنى سادىر قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا بىرقىسىم پۇقراۋى كارخانىلار تەشۋىشلەنگەن، ھەتتا مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

  مەزكۇر «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خاتالىق بولسا تۈزۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتە ئىنكاس كۈچلۈك بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسى تۇغۇلغان ئەرز دېلولىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، بىر تۈركۈم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلولىرىنى تەھلىل قىلىش لازىم. قانۇندا ئىلگىرىكىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك، جىنايەت بىلەن جازانى قانۇندا بەلگىلەش, كونا-يېڭى ئوتتۇرىسىدا كونىغا ئەگىشىش بىلەن يېنىكلىتىش پرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تىجارەت جەريانىدا ساقلانغان قائىدىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن مەسىلىلىرىگە تەرەققىيات نەزىرى بىلەن ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىش ۋە قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

  دېلوغا چېتىشلىق بولغان مال-مۈلۈكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنلۇق مال-مۈلۈكنى خالىغانچە چېتىۋېلىش: قانۇن بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئېھتىيات بىلەن قوللىنىش لازىم

  كارخانا ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش قېلىپلاشماسلىق. مەسلەن, كارخانىنىڭ دېلوغا تاقىلىدىغان قىلمىشىنىڭ مەيلى ئېغىر بولۇشى ياكى يېنىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دېلوغا چېتىشلىق بولسىلا، ئۇلارنى دەرھال پېچەتلىۋېتىش، توختىتىپ قويۇش ۋە توڭلىتىۋېتىش دېگەندەك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، كارخانىلارنى نورمال تىجارەت قىلالمايدىغان پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش، ھەتتا ۋەيران قىلىۋېتىش ۋە تاقىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ ئۇلارنىڭ دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، دائىرىنى كېڭەيتىۋېتىپ، كارخانا قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ مال-مۈلكى بىلەن پايچىكنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بىلەن قانۇنىي مال-مۈلۈكىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، دېلوغا چېتىشلىق خادىملارنىڭ شەخسىي مال-مۈلكى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىقلار.

  مەزكۇر «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇن تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، مەجبۇرلاشتىكى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشتا، قانۇن بويىچە ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارار قىلىش لازىم. ئىقتىسادىي ماجىرا بىلەن ئىقتىسادىي جىنايەتنىڭ چەك-چېگراسىنى، كارخانىنىڭ قانۇنلۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ چەك-چېگراسىنى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا قوشۇلۇش ۋە قايتا تەشكىللەش ئىشلىرى جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي ماجىرا بىلەن يامان نىيەتتە دۆلەت مۈلكىنى يۇتۇۋېلىشنىڭ چەك-چېگراسىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈش، جىنايى ئىشلار قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى ئىقتىسادىي ماجىرالارنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئارىلارتۇرىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەمدە تاللاپ تۇرۇپ ئەدلىيە يۈرگۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  «يېڭى ئەمەلدارنىڭ كونا ھېسابات بىلەن كارى بولماسلىقى»: ھۆكۈمەت لەۋزىدە تۇرۇش ۋە ۋەدە بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سىياسەتتە ئىزچىل بولماسلىق، «يېڭى ئەمەلدارنىڭ كونا ھېسابات بىلەن كارى بولماسلىقى»، بەزىدە ھەتتا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغاندا «داقا-دۇمباق ساداسى ياڭرىتىش»، تۈر باشلانغاندىن كېيىن «ئالدىن تەييارلىق قىلىپ زەربە بېرىش»؛ بەزى يەرلىك قورۇقچىلىق ئېغىر بولۇش، بەزىدە ھەتتا سىرتنىڭ مەبلىغىدىكى كارخانىلار، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنى «يەرلىك زومىگەرلەرنى يوقىتىش» ئوبيېكتى قىلىۋېلىش؛ بەزى تەڭشەش يىرىك پىلانىدا مەمۇرىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن، كارخانىلارنىڭ زۆرۈر بولغان كۆچۈرۈش تولۇقلىما پۇلىنى بەرمەسلىك قاتارلىق يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئەھۋاللار مەۋجۇد.

  مەزكۇر «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىكى ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جەمئىيەتكە ۋە مەمۇرىي نىسپىي شەخسلەرگە قانۇن بويىچە بەرگەن سىياسەت ۋەدىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ ھەمكارلىقى قاتارلىق پائالىيەتلەردە مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتى بىلەن قانۇن بويىچە ئىمزالىغان تۈرلۈك توختاملارنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرغانلىقى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ ئالمىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە توختامنى بۇزۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر توختامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە توختامنى بۇزۇش تۈپەيلىدىن قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتكە دەخلى-تەرۈز قىلغاندا، قانۇن ۋە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ئۆي-يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۆھلىتى توشۇش: مۇددەتنى ئۇزارتىشتىكى قانۇن ئورۇنلاشتۇرۇشى تەتقىق قىلىنىدۇ

  يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆي يەنىلا سىزنىڭ بولامدۇ؟ تېخىمۇ كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئۆي-جايغا ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

  مەزكۇر »پىكىر»دە، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەن يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۆھلىتى توشقاندىن كېيىنكى مۇددەتنى ئۇزارتىشتىكى قانۇن ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تەتقىق قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مەجبۇرىي يەر ئېلىش، مەجبۇرىي چېقىش: ئادىل ۋە مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش لازىم

  مالىيەدىكى مال-مۈلۈكنى ئېلىش ۋە ئېلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىق، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەر ئېنىق ۋە كونكرېت بولماسلىق قاتارلىىقلار تۈپەيلىدىن، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئەركىن ئۆلچەش يوچۇقى چوڭ بولۇش، ئاز ساندىكى جايلاردا «جامائەت مەنپەئەتى ئېھتىياجى» نامى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش، مەجبۇرىي چېقىش، ياكى ئېلىش ۋە ئىشلىتىشكە بەرگەن تۆلەم مۇۋاپىق ھەم ئادىل بولماسلىق مەسىلىلىرى كېلىپ چىققان.

  مەزكۇر »پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەر ۋە ئۆي قاتارلىق مۈلۈكلەرنى ئېلىش ھەم ئىشلىتىشتىكى قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىش ياكى ئېلىپ ئىشلىتىشتىكى جامائەت مەنپەئەتى دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، جامائەت مەنپەئىتىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك لازىم. ئېلىۋېلىش ياكى ئېلىپ ئىشلىتىش ئوبيېكتىلىرىغا ئادىل ۋە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش كېرەك.

  دۆلەت مۈلكىگە «مىتە قۇرت» چۈشۈش: ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى خالىغانچە نېرى-بېرى قىلىشىدىن ساقلىنىش

  دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۈلكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى ھېلىھەم مەۋجۇت. مەسىلەن، دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى دېگەندەك ئېنىق ئەمەس بولغاچقا، ئىچكى قىسىمدىكىلەرنىڭ سودىنى كونترول قىلىۋېلىشى ياكى سودىغا چېتىلىۋېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد؛ تەبىئىي بايلىقنىڭ مۈلۈك ھوقۇقدارى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلىقتىن، يەر قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى دۆلەت كارخانىلىرى تۆۋەن باھادا ھەتتا ھەقسىز پايدىلىنىۋاتىدۇ.

  مەزكۇر «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈزۈملىشىش ئارقىلىق، دۆلەت مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشىدىن ساقلىنىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ھەقىقىي ساقلىنىش لازىم. تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق-جاۋابكارلىقى ئايدىڭ, نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك بولغان تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ بازار قائىدىسى ۋە بازار باھاسى بويىچە يەر قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ تەننەرخى زىيادە تۆۋەن بولۇش: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆلىمىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بولغاچقا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قايتا- قايتا چەكلەنسىمۇ يەنىلا تۈگىمەي، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىگە ئېغىر زىيان يەتمەكتە.

  مەزكۇر «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆلىمىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈپ، پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قىلمىشى ئېغىر بولغان ۋە يامان نىيەت بىلەن ھوقۇققا چېقىلغان قىلمىشلارغا جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەمنى يولغا قويۇش، ھەم ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، سەرىپ قىلىنغان مۇۋاپىق چىقىمنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى كىشى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر