خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- نويابىر، ئۇدا ياغقانقاردىن كېيىن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بېگجىنتاۋ تاغلىق رايونىنى قار قاپلىدى، شۇنداقلا گۈزەل تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى ھاسىل بولدى، بۇنىڭ بىلەن كائىنات خۇددى سىياھ رەسىمدەك گۈزەل تۈسكە كىردى. سۈزۈك ھەم پارقىراق تۇمان سۆڭگىسى دەل-دەرەخلەرنى خۇددى جەننەتتىكىدەك بېزىگەن بولۇپ، قار گۈللىرىنىڭ ئاجىز قۇياش نۇرىدا جىلۋىلىنىشى ۋە ئېقىن سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشلىرى گىرەلىشىپ، كىشىگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. ئىگىلىنىشىچە، بېگجىنتاۋ تاغلىق رايونىدا يىلپىز، بۆرە ۋە ئارقار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ماكانلاشقان ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى