خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نويابىردا شىنجاڭ ئارىشاڭ ناھىيەسى ئۇتۇقسار دەرياسى جىلغىسىدا تۇمان سۆڭگىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى پەيدا بولدى، كۆك ئاسمان، پارقىراق ھەم سۈزۈك دەرەخلەر يالتىراپ، كىشىنى جەلپ قىلاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ماڭغاندا كىشى ئۆزىنى خۇددى بىر گۈزەل چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
ئۇتۇقسار دەرياسى شىنجاڭ ئارىشاڭ ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدە بولۇپ، يەرلىك كىچىك ئارىشاڭ دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇتۇقسار دەرياسى ۋادىسىنىڭ كۆلىمى 1000 كىۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 101 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن 3500 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بورتالا دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنى. ئۇتۇقسار دەرياسى جىلغىسى تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ، ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قويۇق ئۆسكەن، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان، پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر چىرمىشىپ كەتكەن، يېشىللىققا پۈركەنگەن قاتمۇقات تاغلار، ئەگرى - بۈگرى دەريا ئېقىنى خۇددى بىر تال لېنتىغا ئوخشاش ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. تىنىق ئاسمان، ئېگىز - پەس تاغلار، ياپيېشىل تاغ ئورمانلىقى، سۈزۈك دەريا سۇلىرى ئۇتۇقسار دەرياسى جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئېقىن ساياھىتى، دالا ئېكىسپىدىتسىيەسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك جايى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى