باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو تۈركىي تىللار ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە

__ تەتقىقاتچى غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغارنى زىيارەت

2016.10.26 13:16   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو تۈركىي تىللار ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو تۈركىي تىللار ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 22- ۋە 23- كۈنلىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چەت ئەللىك ۋە جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملاردىن 35 كىشى قاتناشتى ھەم ئۆزلىرىنىڭ يىغىنغا ئېلىپ كەلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغارنى قىسقىچە زىيارەت قىلدۇق.

  مۇخبىر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، غەيرەت ئاكا، ياخشىمۇسىز! بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

  غەيرەت ئوزغار: بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «چاڭجياڭ ئالىمى»، پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت ياقۇپنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ خەلقئارادا ئالاھىدە شۆھرەتكە ئېرىشكەن مەشھۇر ئالىم روبېرت دانكوف ئەپەندى، گېرمانىيە بېرلىن بىراندېنبورگ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پىروفېسسورى، ئاتاقلىق تۈركولوگ پېتېر زېممې ئەپەندى، گېرمانىيە بېرلىن ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئاتاقلىق تۈركولوگ مارسېل ئەردال ئەپەندى، تۈركىيە يۇلتۇز پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئايشە مەلەك ئۆزيەتكىن خانىم، يەنە شۇ مەكتەپنىڭ پىروفېسسورى مەخمەت ئۆلمەز ئەپەندى، گېرمانىيە مېينىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھېندىرىك بوسچوتىن ئەپەندى، شىۋېتسىيە ئوپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لازىئو كارولۇ ئەپەندى، يەنە شۇ مەكتەپنىڭ پىروفېسسورى بىرسېل كاراكوچ خانىم قاتارلىق چەت ئەللىك ئالىملار، ئېلىمىز ئالىملىرىدىن پىروفېسسور خۇ جېنخۇا ئەپەندى، تەتقىقاتچى چېن زۇڭجېن ئەپەندى، پىروفېسسور لېتىپ توختى ئەپەندى، پىروفېسسور مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا خانىم، پىروفېسسور مياۋ دۇڭشيا خانىم، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىق پەنلىرى مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالىلەر بولسا، قەدىمكى تۈركىي تىل بىلەن يېزىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ تىلى ھەم قۇرۇلمىسى، ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە بىر قىسىم ۋەسىقە-ھۆججەتلەر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيەسى، قازاق تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيەسى، يۇغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئېتىمولوگىيەسى، قىرغىز ۋە ئۆزبېك تىللىرىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر، ھەمدە بىر قىسىم خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ مەنبەسى قاتارلىقلار ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتىكى ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ھەر خىل نۇقتىلاردىن شەرھلەشتى. ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىن جەريانىدا ھەم ئارىلىقتكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا مۇتەخەسسىسلەر بىر-بىرىنىڭ ماقالىسى ھەققىدە قىزغىن مۇلاھىزە قىلىشتى ۋە ئۆزئارا سوئال-جاۋابلار بولدى.

  مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟

  غەيرەت ئوزغار: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى، ئېلىمىزدىن يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار بولۇپ، ئۇلار، جۇڭگو ھەم چەت ئەلدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئۇلار تېخى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان، ئەمما مەتبۇئاتلاردا نام-شەرىپىنى ئاڭلىغان ئالىملار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئالايلى، روبېرت دانكوف ھازىرغىچە تېخى جۇڭگوغا كېلىپ باقمىغان ئىدى. يەنە كېلىپ، چوڭلار بىلەن ياشلار ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا دەرقەمدە تۇرۇپ توسالغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرۇشتى. يىغىن جەريانىدا ياكى بىرگە تاماق يېگەندە بولسۇن، بۇ ئىككى كۈن داۋامىدا چوڭلار بىلەن ياشلارنىڭ قىزغىن پىكىرلىشىۋاتقانلىقى ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇردى.

  مۇخبىر: سىزچە، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ قانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايسىز؟

  غەيرەت ئوزغار: بۇ قېتىمقى يىغىن مەخسۇس تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگىيەسىگىلا بېغىشلانغان يىغىن بولغاچقا، يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەرنىڭ تېما دائىرىسى بىرقەدەر يىغىنچاق ۋە مەخسۇسلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يىغىن جەريانىدىكى كەيپىياتىمۇ ئىزچىل يۇقىرى بولدى. ئەگەر تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگيەسى ھەققىدىكى تەتقىقات كۈچەيسە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتىنى ئىشلەش ۋە ئېلىمىزدە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئۈچۈنمۇ پايدىسى زور بولاتتى. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتمۇ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئېتىمولوگىيە ___ سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ياكى مەنبەسىنى ئېنىقلاشنى مەقسەت قىلغان كەسىپ بولۇپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقات چوڭقۇرلاشسا، ئۇنىڭ نەتىجىسى ھازىرقى زامان تىلىمىزنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئىملا قائىدىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمدە تىلىمىزنىڭ قەدىمكى شەكلى بىلەن تونۇشۇپ، سۆزنىڭ ئەسلى يىلتىزىنى ئېنىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ كۆپرەك ئېچىلىپ تۇرۇشى تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىندا كىشىلەر تىل چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەن بولمىسىمۇ، ئېلىمىزدىن يىغىنغا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ماقالىلىرىدىكى تېمىلارنى ئىنگلىز تىلى، تۈرك تىلى ۋە خەنزۇ تىلى دېگەندەك تىللار بىلەن بايان قىلدى. بۇ، ئېلىمىزدە خەلقئاراغا يۈزلەنگەن بىر تۈركۈم ياش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەك، بۇ ساھەدە بۇندىن كېيىن يەنە بىر تۈركۈم تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر يېتىشىپ چىققۇدەك، دېگەن قاراشتا بولدۇق. بۇ قېتىمقى يىغىن تۈركولوگىيە تەتقىقات، ۋەسىقىشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىقنىڭ باشقا دائىرىلىرى ئۈستىدە قانداق تەتقىقات قىلىشنى ئۆگىنىدىغان تەتقىقات مېتودىكىسى، ماقالا تەييارلاش مېتودىكىسى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۆز قاراشلىرىمىزنى قانداق شەرھلەشنى ئۆگىنىدىغان بىر ئۆگىنىش سۇپىسى بولدى. بۇ قېتىم يىغىن تۈركولوگىيە ھەم تىلشۇناسلىق پەنلىرى مۇتەخەسسلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان بىر ئالتۇن كۆزنەك بولدى. يىغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتىنى ئىشلەشنىڭ مۇقەددىمە نەغمىسى بولدى.

  مۇخبىر: بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قانداق يېتەرسىزلىك ياكى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟

  غەيرەت ئوزغار: يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر ئېكراندا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىپ تۇردى. بۇ يەردە يەنە ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلە شۇ بولدىكى، گەرچە ھەممىمىز تۈركولوگىيە ساھەسى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بولساقمۇ، ھەرقايسىمىز قوللانغان تىرانسىكىرىپسىيە ياكى تىرانسىلىتارسىيەلىك بەلگىلەر ھەر خىل ئىكەن. بۇ جەھەتتە، بىز ھەممىمىز مۇشۇ ساھەدە بولسىمۇ تىرانسىكىرىپسىيەلىك بەلگىلەر بىرلىككە كەلتۈرسۈلگەن بولسا، تېخىمۇ ئوبدان بولار ئىكەن، دېيىشتۇق. مۇخبىر: زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017- يىللىق مەمۇرلار ئىمتىھانىغا 1 مىليون 300مىڭدىن ئارتۇق كىشى تىزىملاتقان بولۇپ، 27مىڭ ئىش ئورنى…
    ·شىنجاڭدا نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتە «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتى…
    ·شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 3000 نەپەر كادىر تاللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا چۈشۈپ ئوقۇتۇشنى قوللاش…
    ·ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار …
    ·2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى …
    ·ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگلىيە يەنىلا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى بو…
    ·2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج  سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى …
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى…