باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا...(5)

ــــ كۆپ قىرلىق ئۇستاز پەرھات جىلاننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بايانىدا

2016.10.26 12:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5

  2007- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى «پەرھات جىلان ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى. يىغىندا پەرھات جىلاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى، تىل تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي، ئىجادىي نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى ھەم پەرھات جىلانغا تون يېپىلدى. دەۋرىمىزدە پەرھات جىلاننى كۆپىنچە ئادەم بىر ئەدىب سۈپىتىدە تونۇيدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنى شەرەپ مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ رومانلىرىغا مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، ئىسمايىل تۆمۈرى، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى قاتارلىق ئوبزورچىلار ئوبزور يېزىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ بۆلەكتە ئۇنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈستىدە پېشقەدەملەرنىڭ بايانىدىن پايدىلىنىپ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

  - مېنىڭچە، ھەرقانداق مىللەت ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر كىشىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. شۇڭا خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئاشۇنداق مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى تىكلەش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق، مەرىپەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. لېكىن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە قارىغاندا، تارىخىي تېمىدا، بولۇپمۇ مۇرەككەپ، چىگىش، زور تارىخىي تېمىلاردا يىرىك بەدىئىي ئەسەر يېزىش ئانچە ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ياش ھەۋەسكارلار مۇشۇنداق تېمىلاردا ئەسەر يېزىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان قاراشلىرىڭىزنى ۋە تەجرىبىلىرىڭىزنى بىلىشكە قىزىقىدىكەن. ئەينى دەۋرنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن تىل ۋە ئىتنوگرافىيەسىنى پىششىق ئىگىلىمەي ۋە يېتەرلىك بەدىئىي ماھارەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ، زور تارىخىي تېمىلاردا ئېستېتىكا تەلىپى ئۈزۈكسىز كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلغۇدەك يىرىك بەدىئىي ئەسەر يېزىپ چىققىلى بولمىسا كېرەك، - دەپ سۆھبەتنى باشلايدۇ ئاتاقلىق ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئاكا پەرھات جىلان بىلەن.

  - مېنىڭ ھازىرغىچە يازغانلىرىم ناھايىتى ئاز. شۇڭا يېزىقچىلىقتىن جۇغلىغان ئەمەلىي تەجرىبىلىرىممۇ ناھايىتى ئاز. ئەگەر ياش ھەۋەسكارلار مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىشقا قىزىقسا، مەن پەقەت ئاز- تولا تەسىراتىمنىلا سۆزلەپ بېرەلىشىم مۇمكىن. تارىخىي تېمىلاردا بەدىئىي ئەسەر يېزىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن تارىخنى ئۆگىنىش ۋە بىلىش كېرەك. ئەگەر تارىخنى تەتقىق قىلىش سەۋىيەسىگە يېتەلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تارىخنى تەتقىق قىلىشتىن مەقسەت تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئەنە شۇ قانۇنىيەتلەرنى بىلگەن ئادەم تارىخنى توغرا تەھلىل قىلالايدۇ، ھازىرقى دۇنيانى چۈشىنەلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان تەرەققىيات جەريانىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تارىخنى ئۆگىنىش پەقەت تارىخىي تېمىلاردا ئەسەر يېزىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان تېمىسىدا يېزىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تارىخ بارلىق پەنلەرنىڭ، ئىنسانىيەت توپلىغان بارلىق بىلىملەرنىڭ ئانىسى. يازغۇچى بولۇشقا بەل باغلىغان ئادەم ئەدەبىيات ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئۆگىنىشتىن سىرت، يەنە تۈرلۈك بىلىملەرنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. بىلىش دائىرىسى قانچە كەڭ بولسا شۇنچە ياخشى. ئېسىل ئەسەرلەرنى يازغان قەلەم ئىگىلىرىمۇ ناۋادا داۋاملىق ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويسا، كېيىنكى ئەسەرلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى سۇسلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا شۇنى دېگۈم كېلىدۇكى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالاھىدە بىر خىل پىسخىكىلىق پائالىيەت بولۇپ، باشقا ھەرقانداق ھۈنەر- كەسىپكە ئوخشاشمايدۇ. پەقەت يېزىقچىلىق تالانتى بولغان ئادەملا يازغۇچى بولالىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەدەبىيات يولىغا قەدەم قويغان ھەر بىر ياش ھەۋەسكار ئالدى بىلەن ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈشى، «مەن ئىجاد قىلالامدىمەن؟» دېگەن سوئالغا ئۆزى ئېنىق جاۋاب ھازىرلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆزىدە ئىجادىيەت قابىلىيىتىنىڭ كەملىكى سېزىلسە، ئەڭ ياخشىسى، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان باشقا بىر كەسىپنى تاللىۋېلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي يېزىقچىلىق تالانتى بولسا، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك» (ئەنۋەر ئابدۇرېھىم: «يازغۇۋچىلار بىلەن سۆھبەت» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2000- يىلى نەشرى، 185-186- بەتلەر).

  ئىككى پېشقەدەمنىڭ سۆھبىتى مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىدۇ. نىڭ

  شۇنداق، ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن ئالاھىدە ۋەقەلەر، مەشھۇر شەخسلەر بىلەن پەخىرلىنىدۇ ھەم ئەۋلادلارغا ھېكايە قىلىپ بېرىشكە ئامراق كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. تارىخىمىزدا قاچانكى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق گۈللىرى پورەكلىگەندە شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلگەن، قاچانكى تەپرىقە، نىزا ئەۋج ئالغاندا، چۈشكۈنلىشىپ خارابلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىخىمىزدا تالاي قېتىملاپ مەدەنىيەت دەپسەندىسى بولۇپ، كىتاب- ماتېرىياللار كۆيدۈرۈلگەن، تارىخ بىلىمىمىز چولتىلاشقان، ساۋاتسىزلىق بازار تاپقان بولغاچقا، ئەۋلادلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تارىىىدىن خەۋەردار بولۇش يوللىرى ئۈزۈپ تاشلانغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، قايتىدىن قولىغا قەلەم ئالغان ئالىم- ئەدىبلىرىمىز قەدىمكى ۋەسىقىلەرنى قېزىش، رەتلەش، نەشر قىلىش داۋامىدا قۇمغا كۆمۈلگەن تارىخىمىزنىڭ بىر قىسمىنى يورۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئايشەم ئەھمەت، تۇردى سامساق، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىق پېشقەدەم ئەدىبلىرىمىز مۇشۇ تارىخلار ئىچىدىن بەلگىلىك تۇرمۇش دېتاللىرىنى قېزىپ تارىخىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن بەزى ۋەقەلەرنى، مەشھۇر شەخسلەرنى بەدىئىيلەشتۈرۈپ، تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە يول ئېچىپ بەردى. پەرھات جىلان مۇشۇ يولنى بويلاپ، ئاساسىي زېھنىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈچ پارچە رومانى بىلەن «ئالتۇن قاندىكى توي» ھېكايىسى دەل بۇندىن 1000 يىلدىن ئىلگىرىكى تارىخقا بېغىشلانغان ئەسەرلەردۇر.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 2006- يىلى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»دا «ئالتۇن قاندىكى توي»غا مۇنداق باھا بېرىلگەن:

  «يازغۇچىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىي ھاياتى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ھېكايە بىلەن باشلاندى، يازغۇچىنىڭ يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىغىمۇ مۇشۇ ئەسەر ئاساس سالدى. بۇ ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچى، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ماھىرلىقى، تارىخ بىلەن توقۇلمىنى باغلاش سەنئىتى، خاراكتېر يارىتىش ۋە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۇستىلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان. يازغۇچى بۇ ھېكايىنى يېزىشتا مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا خاتىرىلەپ قويغان كىچىككىنە بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قىسقىلا بىر رىۋايەتنى يۈكسەك دەرىجىدىكى تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەلۇماتلار ئاساسىدا موللاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يىراق قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن ئالېكساندىر ماكېدونىسكىي قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىملىق مۇھىم تارىخىي ئۇرۇش ─ ‹ئالتۇن قان›ئۇرۇشىنى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەتراپلىق تەسۋىرلىگەن. يازغۇچى بۇ ھېكايىدە ئاشۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقنى ۋە ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەم ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن. دېمىسىمۇ، يىراق يۇناندىن يولغا چىقىپ، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى بىلەن جاھاننى بېشىغا كىيىپ، ھەدەپ شەرققە ئىلگىرىلەپ، شەرق ئەللىرىگە ھەددى- ھېسابسىز بالايىئاپەتلەرنى، خانىۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئالېكساندىر ماكېدونىسكىي قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى توسقان، ئۇرۇشتا ئۇنى مەغلۇب قىلىپ ئارقىغا چېكىندۈرگەن. مانا بۇ ─ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ تارىختىكى مۇھىم تۆھپىلىرىدىن بىرى ئىدى. يازغۇچى مانا مۇشۇ تارىخىي تۆھپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ باتۇرلۇق- قەھرىمانلىقىنى، شۇنداقلا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇپ، يۇرتىنى قوغداشتەك يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىمۇ قىزغىن مەدھىيەلىگەن». (يۇقىرىقى كىتاب، 4- قىسىم، 2- كىتاب، 772-773- بەتلەر)

  يازغۇچى ھېكايىدە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئالېكساندىر ماكېدونىسكىي قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش كۆرۈنۈشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، كۈچلۈك ھاياجان پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ. يازغۇچى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ باتۇرلۇقىنى، ئۇرۇشتا ماھىرلىقىنى، قىزىققانلىقىنى ھېكايىدىكى ئارسلان، بارس تېگىن، ئىلتەمىر قاتارلىق پېرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. ھېكايىنىڭ تەپسىلاتلىرى جانلىق، تەسۋىرلىرى ئىنچىكە، تىلى نەپىس، لىرىكىلىقى كۈچلۈك، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇپ، مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  يۇقىرىقى ئەسەردە پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىغا مۇنداق باھا بېرىلگەن:

  «تارىختا ئۆتكەن مەھمۇد كاشىغەرىي ئىلىم ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان دۇنياۋى شۆھرەتكە ۋە تەسىرگە ئىگە كاتتا ئالىم. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ۋە كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى. مانا مۇشۇنداق ئالىمغا بېغىشلانغان روماننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىش- چىقماسلىقى باشقا بىرمۇنچە تەرەپلەردىن كۆرە ئالدى بىلەن ۋە ناھايىتى زور دەرىجىدە مەھمۇد كاشىغەرىي ئوبرازىنىڭ قانداق يارىتىلىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان يازغۇچى بارلىق تىرىشچانلىقىنى مۇشۇ ئوبرازنى يارىتىشقا بېغىشلاپ، ئەجرىگە يارىشا خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. شۇڭا مەھمۇد كاشىغەرىي ئوبرازىنىڭ جانلىق ۋە مۇكەممەل يارىتىلىشى مەزكۇر روماننىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ... روماننىڭ يەنە بىر ئۇتۇقى شۇكى، ئۇنىڭدا ئەينى دەۋر ھاياتى ناھايىتى كەڭ تەسۋىرلەنگەن. رومان نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ھەجىملىك تارىخىي رومان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ 11-، 12- ئەسىرلەردىكى زور تارىخىي ۋەقەلىرى، مۇھىم تارىخىي شەخسلىرى، ئوردىلاردىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرى، ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى، نىزا- ئىختىلاپلار، چوڭ ھەربىي يۈرۈشلەر؛ شۇ مەزگىللەردىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھايات، ئەدەبىيات- سەنئەت، فولىكلور ئادەتلىرى، دىپلوماتىيە، سودا ئالاقىلىرى؛ تۈركىي خەلقلەر زېمىنىنىڭ تېررىتورىيەسى، جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى؛ دىنىي ئېتىقادى، ئىسلامغا كۆچۈش جەريانى؛ ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىنىڭ ئورنى، قوللىنىلىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، زۆرۈرىيىتى؛ شۇ دەۋرلەرېدە ياشاپ ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن ئالىم- ئۆلىمالارنىڭ، ئەدىب- سەنئەتكارلارنىڭ ھاياتى، ئىلمىي پائالىيەتلىرى، ئەسەرلىرى... قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلار يېزىلغان. بۇ مەزمۇنلار ئەسەرنى ناھايىتى مول، ناھايىتى كەڭ، شۇنداقلا تولىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇر زاپىسىغا ئىگە قىلىپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان». (يۇقىرىقى ئەسەر، 777-785- بەتلەر)

  يۇقىرىقى ئەسەردە روماننىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، روماننىڭ لىرىك تەركىبلەرگە بايلىقى، مەھمۇد كاشىغەرىي تىلىدىن بېرىلگەن چوڭقۇر پىكىرلىك مۇھاكىمىلەرنىڭ روماننىڭ تارىخىي چىنلىقى، بىلىمچانلىقى ۋە ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يازغۇچى روماننىڭ تارىخىي چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ تىلىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. زامان ۋە ماكان نۇقتىسىدىن زۆرۈر تېپىلغاندا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلاردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئۇندىن باشقا، يازغۇچى يەنە رومانغا ئەينى دەۋر تۈسىنى بېرىش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ماقال- تەمسىل، شېئىر- قوشاق، ئەپسانە- رىۋايەت ئۈلگىلىرىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

  ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەت پولات ئاكا يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

  «تالانتلىق يازغۇچىمىز پەرھات جىلان ناھايىتى زور ئىجادىي غەيرەتكە كېلىپم .ېغىر زېھنىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تارىخى رومان يېزىشتەك بۇ مۇرەككەپ ئىجادىي ئەمگەك زېمىنىغا ئىشەنچ بىلەن قەدەم قويدى. ئۇ خەلقىمىز بېسىپ ئۆتكەن، بىزگە ئەسلى قىياپىتىدە تېخى تولۇق ئايان بولمىغان ئۇزاق بىر سىرلىق تارىخنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى كۆپ خىل تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئۇچراشقان، كۆپ خىل مول تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا يارىتىلغان، جېنىمۇ، روھىمۇ بولغان تىرىك بەدىئىي ئوبرالارنىڭ مۇرەككەپ ھەرىكەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق جانلىق يورۇتۇپ بەردى. ئۇ دەۋر چىنلىقى تۇيغۇسى بېرىدىغان بەدىئىي مەزمۇن ئىزچىللىقىغا ئىگە «ئورقۇن شەجەرىسى»، «مەھمۇد كاشىغەرىي»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىجادىي ئۆزلۈكىنى يارىتىپ، ھۆرمەتلىك ئەدىبلىرىمىز ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن ئايشەم خانىملار باشلاپ بەرگەن تارىخىي رومانچىلىقىمىزنىڭ بەدىئىي مەزمۇن قاتلىمىنى تېخىمۇ بېيىتتى. ... ئاپتور رومانلىرىدا بەدىئىي قۇرۇلمىنى باشتىن- ئاخىر ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي مەزمۇنلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بىلەن تەشكىللەپ، سۇژىتلار راۋاجىنىمۇ ئاشۇ بىر ئومۇمىي مەقسەتنى ئاساس قىلىپ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇن خاراكتېرى تەلەپ قىلغان بەدىئىي دائىرىگىچە كېڭەيتتى. بۇنىڭدا ئۇ چوڭ، يېتەكچى ۋەقەلەرنىڭ تارىخىي چىنلىقىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بەدىئىي مەزمۇنىنى ئەمەلىي ۋە مەنتىقىي ھالدا ئېچىپ بېرىدىغان بىرمۇنچە جانلىق ۋەقە ۋە تەپسىلاتلار گۇرۇپپىسىنى ئىجادىي ھالدا ياراتتى. ... يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ ئۈچ تارىخىي رومانىنى تارىخ بىلەن سەنئەتنىڭ، بەدىئىي غايە بىلەن ماھارەتنىڭ تەبىئىي قوشۇلۇشىدىن تۇغۇلغان، مۇئەييەن ئېستېتىك قىممەت ۋە بىلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان، پەقەت ئاپتورنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشاشمايدىغان ئىجادىي خاسلىقىدىنىلا يارىتىلىشى مۇمكىن بولغان ئالاھىدە تەقلىدتىكى بەدىئىي رومانلار دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار بىر پۈتۈن مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە تارىخىي رومانچىلىقىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەدىئىي تەرەققىياتىغا مۇئەييەن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» (مۇھەممەت پولات: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل»، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2014- يىلى نەشرى، 2- قىسىم، 967-970- بەتلەر)

  يازغۇچى پەرھات جىلان بۇ ئۈچ رومانىدا ئوخشاشلا ئىزناسى ئۆچۈشكە باشلىغان يىراق تارىخىي دەۋرلەردە ياشىغان، بىزگە تومۇرىمىزدىكى قان ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى گېندىن باشقا ھېچقانداق تونۇشلۇقى بولمىغان بىر توپ سىرلىق كىشىلەر ھاياتىنى بەدىئىي توقۇلما قىلىش ئۇسۇلىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ بىزنى قىزىقتۇرغان شۇنچە كۆپ جانلىق پېرسۇناژلار ئوبرازىنى قەلەمگە ئالدى. ئۇ ئەينى دەۋر تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان بىرنەچچە مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ يازما دەلىللەردە ئىسپاتلانغان ھايات سەرگۈزەشتلىرىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ھالدا قالغان بارلىق ۋەقە- ھادىسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مەنتىقىلىق راۋاجىغا يانداشقان بارلىق پېرسۇناژلارنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە خىيال ۋە فانتازىيە كۈچىگە تايىنىپ يېڭىدىن ئىجادىي لايىھەلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىئىي توقۇلمىسىدىن توقۇغان ھەر بىر پېرسۇناژنى مۇئەييەن ئىجتىمائىي تارىخىي مەزمۇن بىلەن ئەينى دەۋر ھايات مۇناسىۋىتىنىڭ ماھيىتىگە ئۇيغۇن بولغان ھەر خىل تىپىك خاراكتېرلارغا ئىگە قىلغان. ئۇلار ئۆز ھايات سەرگۈزەشتلىرىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە مەنىۋى دۇنياسى، دەۋر تۈسىگە تويۇنغان ئوبرازلىق جانلىق تىلى، پەقەت شۇ پېرسۇناژلارنىڭ ئۆزلىرىدىنلا تۇغۇلۇشى مۇمكىن بولغان روشەن خاسلىققا ئىگە ئىش- ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بىر- بىرىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ پېرسۇناژلار شۇ تارىخىي دەۋردە ياشىغان ھەقىقىي تىرىك ئادەملەر سۈپىتىدە بىزنى ئىشەندۈرىدۇ. يۇقىرىقى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ «ئورقۇن شەجەرىسى»، «مەھمۇد كاشىغەرىي»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق ئۈچ تارىخىي رومانىنى ئۇزاقتىن بۇيان بىزگە سىرلىق ۋە نائېنىق بولۇپ كەلگەن يىراق ھايات سەرگۈزەشتلىرىمىزنىڭ بىر پۈتۈن بەدىئىي مەنزىرىسىنى سىزىپ بېرىش زۆرۈرىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن رەڭدار بەدىئىي توقۇلمىلارنىڭ ىجادىي بەدىئىي دۇنياسى دېيىشكە بولىدۇ.

  ***

  ئىنسان بۇ دۇنياغا «ئىڭڭە»لەپ كۆز ئاچقاندىن تارتىپ يەنە ئانا تۇپراق قوينىغا قايتىپ كەتكىچە نۇرغۇن كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. بۇ ھايات سەپىرىدە ھەر بىرىمىز ھەر قىسمەتتە يول يۈرىمىز، بەزىلەر ئەيش- ئىشرەت، راھەت- پاراغەتتىن مەستخۇش بولۇپ ياشىسا، بەزىلەر ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرىدەك ئىنسانىيەتكە بال تەقدىم قىلىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كۆڭلىنى خۇش ئېتىپ ياشايدۇ. بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا، يەنى تۇرمۇش قارىشىغا، دۇنياقارىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. يىللار بوينىغا گۈلدەستىلەر ئېسىپ، باشقىلارغا مەنىۋى بايلىق ئاتا قىلىپ ياشىغان ئىنسان ھامان دۇنيا بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، قۇچاقلىشىپ ياشايدىكەن. بۇنداق ئادەملەر قانچە كۆپ بولسا، شۇ مىللەتنىڭ، شۇ قوۋمنىڭ، شۇ جەمئىيەتنىڭ ھەم يەر شارىمىزنىڭ بەخت- تەلىيى ئىكەن. جەننەتنىڭ ئاچقۇچىمۇ ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدا بولسا كېرەك...

  ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا...

  غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر