باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا...(4)

ــــ كۆپ قىرلىق ئۇستاز پەرھات جىلاننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بايانىدا

2016.10.26 12:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4

  - پەرھات ئاكا، روماندىن نەچچىنى، قىسسە- پوۋېستتىن نەچچىنى سوۋغا قىلدىڭىز، ئەسەرلىرىڭىز مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشتى، ئۆز ئەسەرلىرىڭىز ھەققىدە قانداق ئويلاردا بولىسىز؟

  - قەلەم تۇتقان ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئەڭ زور خۇشاللىق ھەم رىغبەت، ئىجادىيەتچى ئەنە شۇنداق خۇشاللىق ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئۆزىگە يېڭى ئىلھام، يېڭى كۈچ تاپىدىكەن. ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا كۆپ ۋاقتىم ئىدارىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئاساسەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە شۇغۇللىنىشقا توغرا كەلدى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆزۈم خالىغان تېمىلاردا ئەسەر يازارمەن دەپ ئويلىۋىدىم، پىلانلىرىم خېلى كۆپ ئىدى، لېكىن كۆپ ھاللاردا ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش چوڭايغانسېرى ئادەمنىڭ زېھنىمۇ بۇرۇنقىدەك بولمايدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ياشلىقتا تۇتاشقان ئوت بولغاچقىمىكىن، قەلەمنى تاشلىماي، قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن.

  - سىز بىر ئىلمىي خادىم ھەم كۆزگە كۆرۈنگەن بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار قايسى دەپ قارايسىز؟

  - بۇ جەھەتلەردە تەتقىق قىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇھىم نۇقتىلار ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن تارىخ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

  ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى ئالىدىغان بولساق، ھازىرقى بازار ئىگىلىكى ھەم مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشى بولۇۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋەزىپىسى، ئىستېمال دائىرىسى، ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلەشتۈرۈش، ئىملاسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىز كېرەك؟ تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش مەسىلىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىجتىمائىي ئامىللار قايسى؟ تىلىمىز بېسىپ ئۆتكەن تارىخى تەرەققىيات باسقۇچلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق؟ تارىخىي ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىغا قانچىلىك ئەجىر قىلالىدۇق؟ دېگەندەك بىر قاتار تېمىلار بىزنىڭ جاپالىق ئىشلىشىمىزنى ۋە جاۋاب بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.

  ئەدەبىياتنى ئالساق، ئەنئەنىۋى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىلەن يېڭىچە تەپەككۇر شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى ئۆتكەل بولۇپ كەلگەن «نېمىنى يېزىش؟ قانداق يېزىش؟» مەسىلىسى، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش خاھىشى، دەۋر روھىغا ئۇيغۇنلاشقان ئەسەر يېزىش بىلەن ئۆلمەس ئەسەر يېزىش غايىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ھازىر ئەدەبىيات تەتقىقاتى خىزمىتى ئىجادىيەت نەتىجىلىرىگە يېتىشەلمەي كېلىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئەدەبىياتىمىزدا نەزەرىيە نامراتلىقى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

  مەدەنىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان سەزگۈر تېمىلاردىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. مەدەنىيەت ئاساسىمىزنى چىڭدىماي تۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى رىقابەت دولقۇنلىرىدا شاللىنىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلىق كىشىلىرىمىز ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلقئارادىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەر مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھالىتىمىزگە ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ سېلىشتۇرۇپ، ئۆرنەك يارىتىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمىزمۇ يەنىلا نەزەرىيە سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلەلمەيۋاتىدۇ.

  مەدەنىيەت ― بىر كوللېكتىپ (بۇ كوللېكتىپ دۆلەت، مىللەت، كارخانا، ئائىلە بولۇشىمۇ مۇمكىن)نىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە شەكىللەنگەن ئىدىيەسى، كۆزقارىشى، ھەرىكىتى، ئۆرپ- ئادىتى، ۋەكىللىك شەخسلىرى ھەمدە مۇشۇ كوللېكتىپنىڭ ئومۇمىي ئېڭىدا ئەكس ئەتكەن بارلىق پائالىيەتلىرى بولۇپ، ئىنسانىيەت ئىشلەپچىقىرىپ ۋە ئىجاد قىلىپ باشقىلارغا تارقاتقان، بولۇپمۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالغان ھەر بىر بۇيۇم، ئۆرپ- ئادەت، كۆزقاراش، تۈزۈم، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەت ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت بىلەن ماسلىشىپ بىرلىشىشى ئارقىلىق تەدرىجىي ئۆز قىممەت قارىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ھازىر ئېلىمىزدە، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى قېزىش، ئۇنى نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى توغرا شەرھلەش كېرەك. بۇ ھەقتە شۇجى جاڭ چۇنشيەنمۇ «مەدەنىيەت مەسىلىسىنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا، مەدەنىيەت تەتقىقاتىمۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئەمدى تارىخ تەتقىقاتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي، بىزدە شىنجاڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە يىرىك ئەسەرلەر ۋە ماقالىلەر يېزىلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تولىسى ماھىيەتتە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش تارىخىدىن ئىبارەت بولدى، خالاس. يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى، تەرەققىياتى ھەققىدە يېزىلغانلىرى ناھايىتى ئاز. بۇ جەھەتتە چەت ئەل ئالىملىرى يازغان ئەسەرلەر بىلەن بىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. تارىخچىلىرىمىز بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

  - زىيالىيلار توپلىشىپ قالغان بەزى سورۇنلاردا ھېكايە، رومان ئوقۇماستىن، ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش كېرەك، دېگەندەك پىكىر ئېقىملىرىغا دۇچ كېلىپ قالىمىز، ھەتتا بەزى تاراتقۇلاردىمۇ بۇ ھەقتە سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتكەن، بۇ مېنىڭچە ھازىرلا باش كۆتۈرۈپ قالغان گەپ ئەمەس. بىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا قايسى پەن مۇئەللىمىمىز دەرسكە كىرسە، شۇ دەرسنىڭ ئەھمىيىتى، رولى ھەققىدە سۆزلەپ، باشقا پەنلەرنى مەنسىتمىگەندەك تەرىزدە سۆزلەيتتى. كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ باشقا كەسىپتىكى، باشقا فاكۇلتېتلاردىكى ساۋاقداش، ئاغىنە- بۇرادەرلىرىمىز بىلەن ھەرقايسى پەنلەرنىڭ رولى ھەققىدە سۆزلىشىپ قالغاندا ئۆزىمىز ئوقۇۋاتقان ياكى قىزىقىدىغان پەننى كۆككە كۆتۈرۈپ، باشقا پەنلەرنى خۇددى جاھاندا ھېچقانداق رولى، ئەھمىيىتى يوقتەك سۆكۈپ مۇنا\ىرىلىشىپ كېتەتتۇق. جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىگە ھەر خىل سورۇنلاردا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز قانداق؟

  - بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز ئۆزىنى مەركەز قىلىپلا پىكىر قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان. بۇ ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا زىيانلىق بىر خىل قاراش. تەبىئىي پەندە ئوقۇغان ياكى تەبىئىي پەن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىجتىمائىي پەننى ياكى ئىجتىمائىي پەنچىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇغان ياكى ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تەبىئىي پەننى ياكى تەبىئىي پەنچىلەرنى ياراتمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشەنمىگەنلىك. سىزدىن بىر ئاددىي سوئال سوراي، ئوڭ كۆزىڭىز مۇھىممۇ ياكى سول كۆزىڭىزمۇ؟

  - سول كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوڭ كۆزۈمنىڭكىدىن ياخشى، بۇ جەھەتتە سول كۆزۈم مۇھىم.

  - ھا...ھا...ھا... ئەمىسە سول قولىڭىز مۇھىممۇ ياكى ئوڭ قولىڭىزمۇ؟

  - ئەلۋەتتە ھەر ئىككىسى مۇھىم. چۈنكى مەن يېرىم سولخاي، خەتنى ئوڭ قولۇمدا يازغان بىلەن نۇرغۇن ئىشلىرىمنى سول قولۇم بىلەن قىلىمەن.

  - ئېغىز، بۇرۇن، قۇلاق، كۆز، قول، پۇت... دېگەندەك ئەزالارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بەدەن ئەزالىرىمىز بولغىنىدەك، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەرنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن مۇھىم. ئەمدى بايىقى گېپىمىزگە كەلسەك، ئەدەبىياتنى ئىنكار قىلىشمۇ خۇددى تارىخنى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان خاتا كۆزقاراش، يېڭى دەۋردىكى يېڭىچە نادانلىق. بۇ خىل كۆزقاراشتىكىلەر بىر تەرەپلىمە ھالدا تەبىئىي پەننىلا ياكى پەلسەپەنىلا تەكىتلەپ، ئىجتىمائىي پەنلەرنى، جۈملىدىن تارىخ ۋە ئەدەبىياتنى كېرەكسىز نەرسە دەپ قارايدۇ. تارىخ ۋە ئەدەبىيات بولمىسا پەلسەپە نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ، ئىزدىنىش يولىمىزدىكى ئىدىيەلەر توقۇنۇشىدىن كېلىپ چىققان مەنىۋى بۆھران.

  تەبىئىي پەنلەر بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر گوياكى قۇشلارنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر قانات قىرقىۋېتىلسە قۇش ئۇچالمايدۇ. ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئىلمىيلەشتۈرىدۇ، سىستېمىلاشتۇرىدۇ، نەزەرىيەلەشتۈرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم نەزەرىيەۋى ئاساس يارىتىدۇ.

  ئادەم ئەقلىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، ئادەم ئۆز ئەقلىنى قانداق ئىشلىتىشنى، نېمىگە ئىشلىتىشنى كۆپ ھاللاردا بىلەلمەي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ بىرمۇنچە ئەقلىي قابىلىيەتلىرى جارى قىلىنماي بېسىلىپ قالىدۇ. ياخشى يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى زوقلاندۇرۇش ۋە تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئەنە شۇ بېسىلىپ قالغان يوشۇرۇن ئەقلىي كۈچىنى قوزغايدۇ. ئەدەبىي ئەسەر تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئۇرۇقلىرىنى كىشىلەر قەلبىگە چاچىدۇ، ئوقۇرمەنلەرنى ئىنسانلار قىلىدىغان ئەڭ خاراكتېرلىك ئىشنى قىلىشقا، يەنى ئويلاشقا ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ماھىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا مەجبۇر قىلىدۇ.

  چەت ئەللەردىمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بازىرى ئىتتىك. بىلىشىمچە، ياپونىيەدىكى نەشرىيات سودىگەرلىرى ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدىكەن، چۈنكى بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ تىراژى ئاز بولىدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىكەن، چۈنكى بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ تىراژى كۆپ، سېتىلىشى تېز بولىدىكەن. ئىلمىي ئەسەرلەرنى ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن ئۆزلىرى بېسىپ تارقىتىدىكەن. بۇنداق بولۇشى تامامەن چۈشىنىشلىك، چۈنكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى پەقەت شۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىلا كۆرىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بولسا، ھەممە ساھە كىشىلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسى كۆرىدۇ. مېنىڭچە، ھەرقانداق جەمئىيەتتە ئەھۋال مۇشۇنداق بولىدۇ، ھەممە ئادەم ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشى كېرەك دېيىلسە، بۇ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەشەببۇس بولۇپ قالىدۇ.

  - راست دەيسىز، تارىخ ئىلمىدىن بىخەۋەر بىر كىشىنىڭ تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ، شۇ دەۋر تارىخىنىڭ ئىجتىمائىي ئەۋالىنى بىلىشكە قىزىقىشى ناتايىن، لېكىن «مەھمۇد كاشىغەرى» رومانى ئارقىلىق 11- ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ، «ئورقۇن شەجەرىسى» رومانى ئارقىلىق 7-8- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» رومانى ئارقىلىق 9- ئەسىردە قۇرۇلغان قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ، «باھادىرنامە» رومانى ئارقىلىق 13- ئەسىرلەردىن تاكى 16- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى موغۇلىستان خانلىرىنىڭ، «سۇلتان سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان» رومانلىرى ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقىنىڭ، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرى ئارقىلىق 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قومۇلدا بولۇپ ئۆتكەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ، «ئانا يۇرت» رومانى ئارقىلىق 1944- يىلى ئىلىدا كۆتۈرۈلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخىدىن قىسمەن، بەزى جايلىرى توقۇلما بولسىمۇ، تۇرمۇشقا يېقىن پېرسۇناژلىرى ئارقىلىق تەخمىنىي بولسىمۇ تارىخ بىلىمىگە ئېرىشىدۇ. بۇ جەھەتتە تارىخىي رومان ئىجادىيىتى تارىخچىلىرىمىز يارىتالمىغان پەللىنى ياراتتى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. لېكىن شۇ نەرسە ئايدىڭ بولۇشى كېرەككى، تارىخىي رومان تارىخ ئەمەس، پەقەت تارىخنىڭ بەدىئىي توقۇلمىلار، ئاپتورنىڭ ئىدىيە خاھىشى بويىچە ياساپ چىقىلغان بەدىئىي ئەسەر. ئەلۋەتتە ئىلمىي خادىملار تارىخىي رومانلارنى مەنبە قىلمايدۇ، لېكىن ئاۋامغا تارىخىي شەخسلەرنى بەدىئىي توقۇلما ئاساسىدا يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە تارىخىي رومان (پوۋېست، ھېكايە) بىلەن تارىخىي ئىلمىي ئەسەرنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش يەنىلا زۆرۈر.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەشرىيات ۋە شىنخۇا كىتابخانىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاپتورلارنىڭ ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىسىز، ئاخىرىدا، كىتاب ئوقۇش ھادىسىسى ھەمدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش تەسىراتلىرىڭىز ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز بىلەن ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟

  - بىزدە كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىپ، بىر مەزگىل كىتاب ئوقۇشنى سېلىشتۇرۇپ باھالايدىغان ئىشلارمۇ بولدى. چەت ئەللەردە ھەقىقەتەن كىتاب ئوقۇيدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، بىزدە ئاز قىسىم ئادەم كۆپ كىتاب ئوقۇيدۇ. كىتاب بولسىلا تاللىماي ئوقىۋېرىپ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى تاپالمايدىغانلارمۇ بار. مېنىڭچە، كىتاب ئوقۇش كېرەك، ئوقۇغاندىمۇ تاللاپ، مەقسەتلىك ئوقۇش كېرەك. بولسا ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئاز بولسىمۇ تەسىرات قالدۇرۇپ مېڭىش تېخىمۇ ياخشى ئادەت. يېقىندىن بۇيان ياخشى كىتابلارنىڭ بازىرىمۇ ئوبدان بولۇۋاتىدۇ. ھازىرقى ئىقتىسادىي شارائىتىمىز، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، ھەر خىل بېسىملار تەڭ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان شارائىتتا، كىتابنى تاللاپ، ئۆز ئېھتىياجىمىز بويىچە ئوقۇساق، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىمىز. ھازىر ھەرقايسى نەشرىياتلار تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتابلارنى بەس- بەستە نەشر قىلماقتا. ئوقۇرمەنمۇ بۇرۇنقىدەك بىر باشتىن ئوقۇشتىن ئاۋۋال ۋاراقلاپ بېقىپ، جەمئىيەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىپ ئوقۇيدىغان بولدى. مەزمۇنغا، بەدىئىيلىككە، ئېستېتىك زوققا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان بولدى. بۇمۇ ياخشى بولغىنى، شۇنداق بولغاندىلا يازغۇچى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەسەر يازىدۇ.

  ئوقۇرمەنلىرىمىز يازغۇچىلار ياكى تەتقىقاتچىلارغا قارىتا نازارەتچىلىك رولىنى ئوينىشى، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ياكى تەسىراتىنى ئۇقتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىش بىر تەرەپتىن ئاپتورلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچى تەرەپتىن ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىزدە پىكىر ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى كەمچىل بولغاچقا، ئۆزئارا چۈشەنمەسلىك، ھەتتا خاتا چۈشىنىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئورۇنسىز زىددىيەتلەر پات- پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاشكارا پىكىر بايان قىلىش ئاكتىپچانلىقىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسى كۆپ دەپ قارايمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنخۇا كىتابخانىسى ۋە شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىرنەچچە قېتىملىق ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتىم. ئاپتورلار بىلەن ئوقۇرمەنلەر بىۋاسىتە يۈز كۆرۈشۈپ، ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا تونۇشقاندىكى قىزغىن كەيپىيات مەندە كۈچلۈك تەسىر قالدۇردى. ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇيدىكەن، ئوقۇرمەنلەر يازغۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىكەن، يازغۇچىلارنى ئۆز ئادەملىرىمىز دەپ بىلىدىكەن. ئەپسۇسكى، كىتاب سېتىش پائالىيىتىدە ئاپتورلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت بولمايدىكەن. ئوقۇرمەنلەر بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئىنتىلىدۇ، ئەمما سۆزلىشىشكە پۇرسەت يوق. شۇنى ئويلاپ قالدىمكى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاپتورلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى كۆرۈشتۈرۈشكە بىر ئىلمىي سورۇن ھازىرلاپ بەرسە ياخشى بولاتتىكەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر