باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا...(3)

ــــ كۆپ قىرلىق ئۇستاز پەرھات جىلاننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بايانىدا

2016.10.26 12:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3

  پەرھات جىلان ئاكادېمىيەگە ئىشقا چۈشكەن مەزگىل ئاكادېمىيەنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يىغىپ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى نەشرگە تەييارلاۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا، ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، داموللا ئابدۇلھېمىت يۈسۈفى، خەلىم سالىخ، ھاجى نۇرھاجى، ئوسمان مۇھەممەتنىياز، سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئىي (مەسئۇل مۇھەررىر)، ئىمىن تۇرسۇن (مۇھەررىر)، مىرسۇلتان ئوسمان قاتارلىق ئالىملار؛ «قۇتادغۇ بىلىك»نى نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەھمەت زىيائى، مەمتىمىن يۈسۈپ، ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئابدۇللا مۇھەممىدى، مەھمۇت زەيدى، قادىر ئەكبەر قاتارلىق ئالىملار توپلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا مىسلىسىز ئىلمىي مۇھىتقا تويۇنغان ئاكادېمىيە ۋە نەچچە يىللاپ ئىلمىي تەتقىقات سورۇنىغا زارىققان پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ قايتىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچكە تولغان قىياپىتى ئۇلار بىلەن دائىم ھەمسۆھبەتتە بولۇپ تۇرىدىغان پەرھات جىلانغا ئىلھام ۋە جاسارەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئەتراپىدىكىلەردىن ھەم كىتابلاردىن ئۆزىگە كېرەكلىك مەنىۋى ئوزۇقلارنى تەشنالىق بىلەن سۈمۈرۈشكە باشلىدى.

  - مەن تارىخ ئىلمىگە قىزىقاتتىم ھەم ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلاتتىم،- دەيدۇ پەرھات جىلان تارىخىي ئەسەرلەر ۋە «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىنى يېزىشقا قىزىقىش جەريانىنى تىلغا ئېلىپ، - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا «سوۋېت ئىنسىكلوپېدىيەسى»نىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت قىسىملىرىنى ئوقۇغانىدىم. ئەنە شۇنىڭدا مەن تۇنجى قېتىم مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ، «بىزنىڭ تارىخىمىزدىمۇ مۇشۇنداق كاتتا ئالىملار ئۆتكەنىكەن» دېگەن ئوي بىلەن ھەيران بولغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن تارىخىمىزغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئۇلغايدى. قەلبىمدە تارىخىمىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يالقۇنلىدى. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەندە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ بەدىئىي ھەيكىلىنى تىكلەش ئارزۇسى قوزغالدى. ھەرقانداق مەدەنىي مىللەت ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەشھۇر تارىخىي شەخسلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ياد ئېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەدەبىيات- سەنئەت ئارقىلىق ئەدەبىيلەشتۈرۈشكە قىزىقىدۇ. ئۆزۈمنى دەڭسەپ بېقىش ئۈچۈن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە «ئالتۇن قان» ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى، دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىستېلاچى ئالېكساندىر ماكېدونىسكىينىڭ غەربتىكى نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ كېلىپ، ئاخىرى تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى جايلارغا يەتكەندە توختاپ قالغانلىقى، يەرلىك خەلقلەردىن داۋاملىق زەربە يەپ، كېيىن بۇ يەرلەردىن چېكىنىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتلارنى خېمىرتۇرۇچ قىلىپ، «ئالتۇن قاندىكى ‹توي›» ناملىق تارىخىي ھېكايىنى يېزىپ ئېلان قىلدىم. بۇ ھېكايەم جەمئىيەتتە خېلى ئوبدان تەسىر قوزغىدى، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. 1986- يىلىدىن باشلاپ «مەھمۇد كاشىغەرىي»، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە قاراخانىيلار تارىخىغا ئائىت ئېلىمىزدە ۋە چەت ئەللەردە نەشر قىلىنغان تۈرلۈك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، خاتىرىلەش، ئۆگىنىشكە ئىككى- ئۈچ يىلچە ۋاقتىمنى سەرپ قىلدىم. روماننى يېزىش جەريانىدىمۇ يەنە داۋاملىق ماتېرىيال كۆرۈشنى توختاتمىدىم. قەشقەرگە باردىم، مەھمۇد كاشىغەرىي ياشىغان يەرلەرنى كۆرۈپ، ئۇ ماڭغان يوللاردا مېڭىپ، ئۇنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئويلاشقا تىرىشتىم. ئاخىرى، ھازىرقى يوقلۇق ئىچىدىن ئەسىرلەر قوينىدىكى كۆرۈنۈشلەر سۈزۈلۈپ چىقىشقا باشلىدى. 1992- يىلى رومان يېزىلىپ بولدى، 1994- يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقتى.

  «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانى بۇندىن 1000 يىل بۇرۇنقى تارىخ ۋە شەخسكە چېتىشلىق تارىخىي رومان، شۇنداقلا يىراق تارىخىي ئۆتمۈشىمىز ھەققىدە ئۆز ئەدىبلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان تۇنجى رومان بولۇشى سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالىنىپلا قالماي، مەملىكەت بويىچە «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئوقۇرمەنلەر روماندىن 1000 يىل بۇرۇنقى سىيمالارنى، تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى، ئەينى دەۋر تارىخىنىڭ بەدىئىيلەشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى، كۆزلىرىگە ياش ئالدى، باش بارماقلىرىنى چىقىرىشتى.

  تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىش يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىشتەكلا مۈشكۈل. مەسئۇلىيەتچان ئادەم ئۈچۈن تارىخىي رومانمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. تارىخىي ماتېرىياللاردا ۋەقەلىكلا ياكى ئىسمىلا زىكرى قىلىنىدىغان دېتاللار ئارىسىدىن شۇ ۋەقەلىك ياكى شەخسنىڭ تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن بەدىئىي سۈرىتىنى سىزىپ چىقىش يازغۇچىدىن ھەم تارىخىي بىلىم، ھەم بەدىئىي دىت تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە ئىمتىھان.

  «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەرھات جىلاننى بىر تەرەپتىن ھاياجانغا سالسا، بىر تەرەپتىن كۆڭلىدىكى يەنە بىر ۋەسۋەسە ئارامىدا قويمايتتى. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن كېلىۋاتقان خەت ۋە تېلېفۇنلار ئۇنىڭغا بىر تەرەپتىن ئالقىش ياڭراتسا، بىر تەرەپتىن بېسىم ئېلىپ كېلەتتى.

  پەرھات جىلان قەشقەردە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە «قەشقەر ئەدەبىياتى» تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ قالدى. سۆھبەتتە تۇرسۇننىياز، ئابلىمىت سابىر، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى قاتارلىق پېشقەدەم ئەدىبلەر بار ئىدى. سۆز «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانى ھەققىدە بولۇۋاتقاندا، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:

  - پەرھات، «مەھمۇد كاشىغەرىي»نى كۆرۈپ چىقتىم، مۇبارەك بولسۇن! «مەھمۇد كاشىغەرىي»نى تاماملىغىچە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخى بىلەنمۇ ئوبدان تونۇشۇپ چىقتىلا، ئەمدى مەھمۇد كاشىغەرىي بىلەن زامانداش يەنە بىر ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىپ بېقىشنى ئويلاشتىلىمۇ؟

  - ياق، ئۇ ھەقتە ئويلاشمىدىم، قانداق دەيلا؟

  - بىلىشىمچە، قەشقەردىكى ئەدىبلەردىن بىرنەچچەيلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە بىرنېمە يازايلىمىكىن دېسەك، پەرھات جىلان تۇتۇش قىلدىمىكىن دەپ ئىككىلىنىپ قالدۇق دېيىشىۋاتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە مەنمۇ بەزى ماتېرىياللارنى توپلىغان، سىلىنى تۇتۇش قىلغان بولسا، بىر كېچىككە چۈشۈپ قالمايلى دەپ توختاپ قالدۇق، بولسا شۇ ھەقتە بىر نېمە يېزىپ باقاملا- يا؟

  - مېنىڭ قاراخانىيلار دەۋرى ھەققىدىكى ھېس- تۇيغۇلىرىم ۋە ئويلىغانلىرىم «مەھمۇد كاشىغەرىي»گە مۇجەسسەم بولدى، قاراخانىيلار ھەققىدە يەنە بىرەر يىرىك ئەسەر يازسام، بەلكىم ھېسسىيات جەھەتتىن قۇرغاق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ماتېرىيال توپلاپ قويغان بولسىلا، سىلى يازسىلا، مېنىڭ ھازىرچە ئۇنداق خىيالىم يوق.

  خۇددى مۇشۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ھاجى مىرزاھىد كېرىمى تولىمۇ ھاياجانلاندى ۋە كۈچ- جاسارەتكە تولدى. ئۇ ھاياجىنىنى بېسىپ تۇرۇپ:

  - بولىدۇ، ئۇنداق يېرى بولسا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە مەن بىر تىرىشىپ باقاي، سىلىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قانداقراق يازساق، تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقار؟

  - مەھمۇد كاشىغەرىي ھەققىدە ھەرھالدا ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردە بەزى تەتقىقاتلار بولۇۋاتىدۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە «قۇتادغۇ بىلىك»تىن باشقا ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك، بۇ ھەقتە بىرنېمە يېزىش ئۈچۈن بىرىنچىدىن، قاراخانىيلار تارىخى ھەققىدە كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش كېرەك، ئىككىنچىدىن، «قۇتادغۇ بىلىك»نى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، مىسرالار ئىچىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قېزىپ چىقىرىش كېرەك، - دېدى پەرھات جىلان.

  ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ۋە باشقا سۆھبەتداشلار بىردەك باش لىڭشىتىشتى.

  شۇ قېتىمقى قەشقەر زىيارىتىدىن كېيىن، پەرھات جىلان قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى مەڭگۈ تاشلار دەۋرى ─ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر نەرسە يېزىش خىيالىغا كېلىپ، تارىخ قاينىمىغا يەنە شۇڭغىدى. 1999- يىلىنىڭ ئاخىرى بۇ دەۋر تارىخىنى بەدىئىيلەشتۈرۈپ يورۇتۇپ بېرىدىغان يەنە بىر تارىخىي رومان «ئورقۇن شەجەرىسى» تاماملىنىپ، 2000- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  «مەھمۇد كاشىغەرىي» بۇندىن 1000 يىل بۇرۇنقى تارىخنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولسا، «ئورقۇن شەجەرىسى» بۇندىن 1400 – 1300 يىل بۇرۇنقى تارىخنى يورۇتۇوپ بېرىشكە بېغىشلانغانىدى. بۇ رومانمۇ نەشردىن چىقىپلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. پەرھاد جىلان يىىراق تارىخقا بېغىشلانغان تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدە ئۇتۇق قازانغانىدى. نەشرىياتلار ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋاللىرىنى تىمىسقىلايدىغان بولدى، ئىلگىرىكى ھېكايىلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ توپلام بولۇپ نەشر قىلىندى. كېيىنكى ئىجادىيەت مېۋىلىرىگە ئالدىن زاكاس قىلىپ، خېرىدار بولدى.

  پەرھات جىلاننىڭ قەلبىدىكى ۋەسۋەسە تېخى بېسىلمىغانىدى. «قاراخانىيلار دەۋرى ھەققىدە يازدىم، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ھەققىدە يازدىم، ئەمدى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدە بىر ئىزدىنىپ باقسام قانداق بولار...» دېگەن خىيال ئۇنى ئارامىدا قويمايۋاتاتتى. يېزىقچىلىق شۇنداق بىر جەريان، مۇۋەپپەقىيەت مۇۋەپپەقىيەتكە ھامىلىدار، ئىلھام ئىلھامنى تۇغىدۇ، قەلبىڭدە قايناپ تۇرغان بۇ ھاياجانلارنى يېزىق ئارقىلىق بايان قىلىپ چىقىرىۋەتمىسەڭ، ئۇ ساڭا ئارامچىلىق بەرمەيدۇ، يېگىنىڭ ئاغزىڭغا تېتىمايدۇ، ئۇيقۇدىن ھاردۇقۇڭ چىقمايدۇ. يولدا پۇتۇڭ بىر تەرەپكە ماڭسا، خىيالىڭ يەنە بىر تەرەپكە ماڭىدۇ... ئۆيدىن چىققۇچە ئىشىكنى قۇلۇپلىدىممۇ؟ بۈگۈن ئىدارىدە يىغىن بار بولغىيمىدى؟ ھېلىقى تويمۇ، نەزىرمۇ قەيەردە بولغىيدى؟ دېگەندەك گادىرماچ خىياللار جۇلۇقۇڭنى چىقىرىدۇ...

  پەرھات جىلان بۇ ۋەسۋەسىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنە تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا كىرىشتى. ئۇيقۇسىز تۈنلەر تاڭلارغا ئۇلاشتى، خىياللار خىياللارغا مىنگەشتى. ئاخىرى 2004- يىلى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە بېغىشلانغان «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» ناملىق رومان «ئىڭڭە»لەپ دۇنياغا كۆز ئاچتى. پەرھات جىلاننىڭ بىر يىلغا يېقىن ۋاقتى بۇ «بوۋاق»نىڭ كىندىكىنى كېسىش، يۇيۇش- تاراش بىلەن ئۆتۈپ، 2005- يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئەسلى ئەدىبنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ تۇرغان بۇ تارىخىي رومانلار «ئۈچكېزەك» ئىدى! پەرھات جىلان يېنىك تىن ئالدى. كۆڭلىنى بېسىپ تۇرغان تاش ئاخىرى چۈشۈپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا پەرھات جىلان 60 ياشقا تولۇپ پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ رومان پەرھات جىلاننىڭ ئۆزىنىڭ 60 يېشىغا سوۋغا قىلغان سوۋغىسى بولۇپ قالدى.

  پەرھات جىلاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى تۆۋەندىكىچە كاتالوگلاشتۇرۇش مۇمكىن:

  1. «مەھمۇد قەشقەرى» (رومان)، 1994- يىل، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.

  2. «ئورقۇن شەجەرىسى» (رومان)، 2000- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

  3. «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» (رومان)، 2005- يىل، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.

  4. «‹ئالتۇن قان›دىكى توي» (ھېكايىلەر توپلىمى)، 1997- يىل، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.

  (مەزكۇر توپلامغا ئاپتورنىڭ «پۇل» (1969- يىل)، «باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە» (1971- يىل)، «ئابدۇغەلىتىنىڭ غەلىتە سەرگۈزەشتلىرى» 1979- يىل)، «‹ئالتۇن قان›دىكى توي» (1983- يىل)، «يېڭى دوست ۋە كونا دوست» (1984- يىل)، «تاشچى ئۇستامنىڭ ھېكايىسى» (1986- يىل)، «ئىنتايىن كەمتەر» (1987- يىل)، «ئاھ، ئايگۈل» (1988- يىل)، «قاردا ياتقان چوكان» (1990- يىل)، «بوۋاي ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى» (1993- يىل)، «تەلەي دېگەن نەدىكىن؟» (1996- يىل)، «خىيالىممۇ، چۈشۈممۇ؟» (1996- يىل)، «بىزنىڭ پولكوۋنىك» (1996- يىل)، «بىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتى» (1996- يىل)، «يول ئۈستىدە» (1996- يىل) قاتارلىق 15 پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن)

  5. «گۇاڭجۇ شامىلى» (پوۋېست)، «تارىم» ژۇرنىلى، 1998- يىللىق 2-، 3- سان.

  6. «ئاجايىپ سەپەردىكى ئاجايىپ ئىشلار» (پوۋېست)، «تارىم» ژۇرنىلى، 1999- يىللىق 5- سان.

  7. «ئاق ئېتىم» (قىسسە)، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى، 2003- يىللىق 2- سان.

  8. «ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىتلىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈلۈشى» (ئەدەبىي ئاخبارات)، «تارىم» ژۇرنىلى، 2002- يىللىق 8- سان.

  9. «چۈمۈلە» (چۆچەك)، «تارىم غۇنچىلىرى».

  10. «فەرھاد ۋە شېرىن ھەققىدە يېڭى قىسسە» (قىسسە) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2015- يىلى نەشرى.

  بىر ئادەمنىڭ بىر كەسىپنى تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇپ چىقىشى، نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ھەممە ئادەم ئەقىلگە سىغدۇرالايدۇ. لېكىن مۇنتىزم نەزەرىيەۋى بىلىم ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيەلەنمىگەن بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىقى، يەنە كېلىپ باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە ھۆددىسىدىن چىقمىقى ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇنىڭغا نۇرغۇن تىرىشچانلىق، ئىزدىنىش، ئاساسلىقى جاپاغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پىسخىكىلىك چىدام بولمىسا بولمايدۇ. بەزىلەر زىيادە ئەقلىي ئەمگەك قىلغان ئادەم بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ دېيىشىدۇ، مېنىڭچە روھىي ئازادىلىك ئىچىدە قىلىنغان ئەقلىي ئەمگەك ئادەمنى قېرىتمايدۇ، ئەكسىچە ياشارتىدۇ. پەرھات جىلان بۇنىڭغا مىسال.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر