باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا...(2)

ــــ كۆپ قىرلىق ئۇستاز پەرھات جىلاننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بايانىدا

2016.10.26 12:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2

  پەرھات جىلان ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تىلشۇناسلىق، بولۇپمۇ تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلاندى. دۇرۇس، تىلىمىزدىكى بىزگە ئادەتتە بىلىنىپ كەتمەيدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بىرەر ئەسەرنى تەرجىمە قىلغۇچە ئاجايىپ گەۋدىلىنىدىكەن ئەمەسمۇ! يەنە كېلىپ تۈركىي تىللار ھەققىدىكى بۇ ئىلمىي ئەسەرلەر بىزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىشىغا ئاساس بولغاچقا، بۇنىڭدىن ئىنستىتۇتتىكى كەسپىي خادىملار ئىلھام ۋە مەدەتكە ئېرىشتى. ئىنستىتۇتتىكى كەسپىي ئۆگىنىشلەردە بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە پاراڭلار بولغاندا، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمانى بولغان پەرھات جىلانمۇ پېشقەدەملەر ئالدىدا ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىدى.

  1981- يىلى ئىنستىتۇت باشقا ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، نىلقىدا تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىي تىللار ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى. پەرھات جىلان شۇ ۋاقىتتا يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتىنىڭ كاتىبات بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ، يىغىنغا سۇنۇلغان ماقالىلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل بولدى. ئۇ بەزى ماقالىلەرنى ئوقۇپ چىقتى ۋە ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان كۆڭلىگە ئارام بەرمەي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ چاغدا پەرھات جىلان ئامىنە غاپپار، ئىبراھىم مۇتىئىيلار بىلەن بىر ئىشخانىدا ئولتۇراتتى. بىر كۈنى پەرھات جىلان ئۆزىنىڭ تىل تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» ناملىق تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ، شۇ چاغدىكى ئىنستىتۇت رەھبىرى ئامىنە غاپپارنىڭ ئالدىغا قويدى.

  - ئامىنە ئاپپاي، مەنمۇ بىر پارچە ماقالە يازغانىدىم، كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، - دېدى ئۇ قورۇنغان ھالدا.

  - ھە! – ئامىنە غاپپار خانىم تەسادىپىيلىق ھېس قىلغاندەك بىر خىل تەرىزدە قولىدىكى ماقالىنى قويۇپ، پەرھات جىلاننىڭ ماقالىسىنى قولىغا ئېلىپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتى ۋە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، - بۇ ماقالىنىمۇ ئوقۇلىدىغان ماقالىلەر قاتارىدا تىزىملاپ قويۇڭ، - دېدى. ئەتىسى ئىبراھىم مۇتىئىي پەرھات جىلانغا قاراپ:

  - مانا تىرىشقان ئادەمگە ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ، چىققىلى بولمايدىغان داۋان، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. ئوبدان بىر تېمىنى تۇتۇپسەن، - دېدى.

  ئىككى ئۇستازنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى پەرھات جىلانغا كۈچ ئاتا قىلدى. ئۇ نىلقىدىكى يىغىندا بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىي تىللار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ ماقالە شۇ يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەردىن تەركىب تاپقان «تۈركىي تىللار» ناملىق مەجمۇئەنىڭ 1- سانىدا ئېلان قىلىندى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ قايتىدىن تىكلەندى. شۇنداق، ئۇستازى دېگەندەك تىرىشسىلا دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، گەپ ئادەمنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىدا!

  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى ئۇستازلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «تەتقىقاتچى ئىبراھىم مۇتىئىي»، «تەتقىقاتچى ئامىنە غاپپار» قاتارلىق ماقالىلىرىنى ھەم «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قوللانغان ئادەم ئىسىملىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنۋانلار توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 1983- يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە كىرىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق، بولۇپمۇ قەدىمكى تىللار ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ تىل تەتقىقات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىگە قاراپ 1991- يىلى ئۇنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى.

  بۇ مەزگىلدە پەرھات جىلان يەنە ئاياللار ۋە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىمۇ ئېسىدىن چىقارماي، «بالىلار، سىلەرگە بىر گېپىم بار» (ماقالە)، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، 1999- يىللىق 7- سان؛ «باشلانغۇچ مەكتەپ ─ باشلانغۇچ قەدەم» (ماقالە)، «نۇرلۇق مەشئەل» (توپلام)، 1999- يىل؛ «تارىخىمىزدىكى ئاياللار ئوبرازى» (ماقالە)، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، 1999- يىللىق 4- سان قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. يۇقىرىقى ئەمگەكلىرى بىلەن پەرھات جىلان 1986- يىلى ياردەمچى تەتقىقاتچى ئۇنۋانى ئالدى.

  1993- يىلى ئۇ كاندىدات تەتقىقاتچى ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نەتىجىلىرى بۇ ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە توشاتتى. قائىدە بويىچە ئۇ چەت تىلىدىن ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقتىدا قىلچە ئىككىلەنمەيلا رۇس تىلىنى تاللىدى. لېكىن، ئىمتىھان قەغىزىنى كۆرۈپ ئۇ گاڭگىراپ قالدى. ئىمتىھان قەغىزىدە خەنزۇ تىلىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدىغان مەزمۇن %40، رۇس تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدىغان مەزمۇن %60 ئىدى. ئۇ ئۇ خەنزۇچىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان مەزمۇننى تېزلا ئىشلەپ پۈتتۈردى، لېكىن رۇسچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، بۇ سۆزلەرنى خەنزۇچە قايسى خەت بىلەن ئىپادىلەشنى بىلەلمەي گاڭگىرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ رۇسچە- ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىققا پىششىق، رۇسچە- خەنزۇچە ئېغىز تىلى تەرجىمانلىقىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ تولۇق چىقىپ كېلىۋاتقان بىلەن ئىمتىھاندىكى مەزمۇنلارنى خەنزۇچە قايسى خەتلەر بىلەن ئىپادىلەشتە ھەقىقەتەن قىينىلاتتى. ئۇ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بوش يېرىگە رۇس تىلىدا ئۆزىنىڭ ئىمتىھان سوئالىغا ۋە ئۆزىنىڭ رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى ۋە رۇسچە سەۋىيەسىگە بولغان قاراشلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ قويدى. ئەپسۇس، ئۆلچەملىك جاۋابقىلا كۆنۈپ قالغان ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرگۈچىلىرى ئۇنىڭغا 55 نومۇر قويغانىدى. ئۇ چاغلاردا 60 نومۇردىن ئاشمىسا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى، بېشى قاتتى. «پەرھات رۇس تىلىدىن ئىمتىھان بەرسە تولۇق نومۇر ئالىدۇ» دەپ باھا بېرىشكەن خىزمەتداش ۋە دوست- بۇرادەرلىرىگە نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمىدى...

  بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىدارە مەسئۇللىرى ۋە ئۇستازلىرى ئۇنىڭ رۇس تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىدىكىلەرگە كۆرسىتىپ چۈشەنچە بەردى. ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىدىكىلەرمۇ بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن:

  - بۇ كىشى ئەسلى بۇ ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇنۋانغا ئىمتىھانسىز ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەنغۇ! – دېيىشىپ، ئۇنىڭ كەسپىي ئەمگەكلىرىنى باھالاش باسقۇچىغا بىۋاسىتە ئۆتۈپ كەتتى ھەمدە تولۇق بېلەت بىلەن كاندىدات تەتقىقاتچى ئۇنۋانى ئالدى. 1997- يىلى ئۇ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ كەسىپكە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.

  1998- يىلى ئىنستىتۇتىمىز «چەت تىللارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» نامىدا بىر ئاكادېمىيە دەرىجىلىك تېما ئىلتىماس قىلدى، بۇ تېمىغا پەرھات جىلان مەسئۇل بولدى. ئالدى بىلەن تېمىنى قانداق ئىشلەش ھەققىدە كېلىشىۋالدۇق ھەم شۇ بويىچە ۋەزىپە بۆلۈشۈۋالدۇق. تېما تەلىپى بويىچە «20- ئەسىرنىڭ 20- 30- يىللىرىدا رۇس تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»، «20- ئەسىرنىڭ 40- 50- يىللىرى رۇس تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»، «20- ئەسىرنىڭ 60- 70- يىللىرى خەنزۇ تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»، «20- ئەسىرنىڭ 80- 90- يىللىرى چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىلار بويىچە يېزىلدى. پەرھات ئاكا «چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» دېگەن نامدا ئومۇمىي بايان يازدى. تېمىمىز 1999- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاكادېمىيەنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى ھەمدە ھەر بىر ماۋزۇ بويىچە ماقالە تەرىقىسىدە ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.

  2001- يىلى ئىنستىتۇتىمىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىت- شېۋىلىرى تەتقىقاتى» ناملىق يەنە بىر تېمىغا ھازىرلىق قىلدى. بۇ تېمىنى قانداق لايىھەلەش، قانداق ئىشلەش ھەققىدە پەرھات جىلان بىرنەچچە قېتىم مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ مەسلىھەتى ۋە پىكرىنى ئېلىپ، دەلىللەش بايانىنى بىرنەچچە قېتىم ئۆزگەرتتى. ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ۋە داڭلىق يىغىپ ساقلىغۇچى ئەخمەت تۆمۈردىن ئىقتىسادىي ياردەم سورىدى. مالىيە نازارىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئەخمەت تۆمۈر ئەپەندى بۇ تېمىمىزنى قوللاپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى. 2001- يىلىنىڭ ئاخىرى پەرھات جىلان بىلەن كۈرەش تاھىر تۇرپانغا تىل تەكشۈرۈشكە ماڭدى. تۇرپان، پىچانلاردىن توپلانغان تىل ماتېرىياللىرىنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ، كېيىنكى تەكشۈرۈشىمىزگە ئۈلگە تىكلەندى. 2002- يىلى يانىۋاردا پەرھات جىلان باشچىلىقىدا ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ قەشقەرنىڭ مارالبېشى، مەكىت ناھىيەلىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە، كېرىيە ناھىيەلىرىدە 20 كۈنگە يېقىن تىل تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇ يەردىكى ئاۋام تىلىدا ساقلىنىپ قالغان دىيالېكىت- شېۋە سۆزلىرىنى توپلىدۇق ھەم يەرلىكلەردىن سوراپ ئىزاھلىرىنى تولۇقلىدۇق. تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى پەرھات جىلان مىرسۇلتان ئاكا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەنىدى. بۇ تېمىمىزغا مەرھۇم غۇلام غوپۇرىنىڭ «ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى»دىكى شېۋە سۆزلۈكلىرى، مىرسۇلتان ئوسمان باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «قومۇل شېۋىلىرى سۆزلۈكى»، «لوپنۇر دىيالېكتى ھەققىدە»، «خوتەن دىيالېكتى ھەققىدە» ناملىق ئىلمىي ئەسەرلىرىدىكى سۆزلۈكلەر، ئامىنە غاپپار يىغىپ توپلىغان دىيالېكىت- شېۋە سۆزلۈكلىرى قوشۇلۇپ، 6000 سۆزلۈك دىيالېكىت- شېۋە سۆزلۈكلىرىدىن تەركىب تاپقان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىت- شېۋىلىرى لۇغىتى» ناملىق كىتاب تەييارلاندى. 2005- يىلى بۇ تېمىمىز ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات تېمىلىرىنى پىلانلاش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىندى. پەرھات جىلان تېما مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىت- شېۋىلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» نامىدا چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالە تەييارلىدى. تېمىمىز 2006- يىلى غەلىبىلىك تاماملاندى. 2007- يىلى پەرھات جىلان باش تۈزگۈچى، ئامىنە غاپپار، غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار مۇئاۋىن باش تۈزگۈچى، مىرسۇلتان ئوسمان تەكلىپلىك مۇھەررىر بولۇپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ تېمىلارنىڭ ئىشلىنىشى شۇ يىللاردا ئىنستىتۇتىمىزدا تېما بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، بىزدەك بىر تۈركۈم ياشلارنى تەربىيەلەپ، تېما ئىلتىماس قىلىشى قىزغىنلىقىمىزنى ئاشۇردى.

  بۇ قېتىمقى تىل تەكشۈرۈش جەريانى پەرھات جىلاننىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ تىل تەكشۈرۈشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئۇيغۇر دىيالېكىتلىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈلۈشى» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات يېزىپ، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىللىق 8- سانىدا ئېلان قىلدى.

  بۇ خىزمەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا ئىنستىتۇتىمىزدا ئاكادېمىيە دەرىجىلىك يەنە بىر تېما «ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات» مېنىڭ مەسئۇللۇقۇمدا قولغا ئېلىندى. پەرھات جىلان بۇ تېمىغىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى ھەم بىزگە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ تېمىمىزمۇ باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ماۋزۇلار بويىچە ئىلمىي ماقالە تەرىقىسىدە ئىلمىي ژۇرناللاردا بۆلۈپ ئېلان قىلىندى.

  تۆۋەندىكى كاتالوگدىن ئۇنىڭ شۇ مەزگىللەردە ئېلان قىلغان ئىلمىي ئەسەرلىرىدىن خەۋەردار بولىمىز.

  1. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» (ئىلمىي ماقالە)، «تۈركىي تىللار تەتقىقاتى» (توپلام)، 1- قىسىم، 1982- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.

  2. «تەتقىقاتچى ئىبراھىم مۇتىئى» (ماقالە)، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1983- يىل.

  3. «تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوۋ» (ماقالە)، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1983- يىل.

  4. «تەتقىقاتچى ئامىنە غاپپار» (ماقالە)، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1983- يىل.

  5. «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قوللانغان ئادەم ئىسىملىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنۋانلار توغرىسىدا» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى، 1983- يىل.

  6. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇلما سوزۇق تاۋۇشلار» (ئىلمىي ماقالە)، «تۈركىي تىللار تەتقىقاتى» (توپلام)، 3- قىسىم، 1990- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.

  7. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1996- يىللىق 1- سان.

  8. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر» (ئىلمىي ماقالە)، تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1996- يىللىق 1- سان.

  9. «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتوناتسىيە» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژۇرنىلى، 1996- يىللىق 4- سان.

  10. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش تارىخىدىن ئوبزور» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1996- يىللىق 4- سان.

  11. «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1997- يىللىق 2- سان.

  12. «تۈركىي تىللار ىلەن رۇس تىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1997- يىللىق 3- سان.

  13. «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى ھەققىدە» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1997- يىللىق 3- سان.

  14. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ مەسىلىلىرى» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1998- يىل.

  15. «تۈركىي تىللاردىكى ر ~ ز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشىگە نەزەر» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1999- يىللىق 3- سان.

  16. «ئۇيغۇر تىلىدىكى گرامماتىكىلىق مەنىلەرنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇللىرى» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2000- يىللىق 4- سان.

  17. «چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2002- يىللىق 3- سان.

  18. «ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى توغرىسىدا» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 2004- يىللىق 1- سان.

  19. «11- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2005- يىللىق 2- سان.

  20. «تىل تەتقىقاتى يولىدا» (بىيوگرافىك ئەسلىمە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2006- يىللىق 4- سان.

  21. «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت» (2 توملۇق) (كوللېكتىپ ئەسەر، تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى)، 1989- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

  22. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىت- شېۋىلىرى لۇغىتى» (كوللېكتىپ ئەسەر، باش تۈزگۈچى)، 2007- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.

  يىللار قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ

  قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال...

  لېكىن، يىللار قورۇق بىلەن ساقالنى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش سوۋغا قىلغان بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ يىللار بوينىغا ئەمگەك مېۋىلىرىدىن گۈلچەمبىرەك تاقىشى ناتايىن. بۇ پەقەت تىرىشچان، ئىزدىنىشچان ئادەمگىلا نىسىپ بولىدىغان نېسىۋە!
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر