باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا...

ــــ كۆپ قىرلىق ئۇستاز پەرھات جىلاننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بايانىدا

2016.10.26 12:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

  ——————————————

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پەرھات ئاكا، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟!

  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تېچلىقمۇ، ھازىرچە دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلاردىن يىراقتا يۈرۈۋاتىمەن، يىلدا بىرنەچچە قېتىم زۇكام بولۇشۇمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا چاتاقنى ھېس قىلمىدىمغۇ!

  يەنىلا سىز ياش جۇمۇ! ئاتتەك تۇرۇپسىز مانا!

  نېمە دەيدىغانسىز... 70 تىن ئاشتۇق دەڭە...

  90 غا كىرسىڭىزمۇ يىگىتسىز... مەڭگۈ يىگىتلىكىڭىزنى يوقاتماڭ ئاكا!

  ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشسەك، ئەنە شۇنداق بىرنەچچە ئېغىزدىن چاقچاقلىشىپ، ئەينى يىللىرى يۇقارقى تاغ (نەنسەن)قا چىققان دەملەرنى ئەسلىشىپ، كۆڭلىمىزنى كۆتۈرۈۋالىمىز.

  1

  ئادەم تۇغۇلۇپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن كېيىن، قانداق كىشىلەر بىلەن «ھەمسەپەر» بولۇشى ئادەمنىڭ تەلىيىگە باغلىق بولسا كېرەك. كىچىكىمدە تۇنجى مەكتەپكە كىرگىنىمدە ئاتا- ئانامنىڭ «قانداق ئادەمنىڭ بالا-ۋاقىلىرى بىلەن ساۋاقداش بولدۇڭ؟» دەپ سورىغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ چاغلاردا بۇ گەپنىڭ ۋەزىنىگە ئانچە ئېرەن قىلمىغان ئىكەنمەن، كېيىنچە بۇ گەپنىڭ ئادەمنىڭ خاراكتېرى، مىجەز- خۇلقى، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ھالقىشىڭدا مۇھىم روللارنى ئوينايدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. چۈنكى بالا ۋاقتىڭدىكى ساۋاقداشلىرىڭنىڭ بىر قىسمى كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشۇڭدىكى «ھەمسەپەر» لىرىڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئادەم باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تاكى جەمئىيەتكە چىققۇچە، ھەتتا جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ساۋاقداش بولۇپ قالىدىكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدىكى ئوخشاشلىقلار سەۋەبلىك پىكرىمىز بىر يەردىن چىقىپ، مەڭگۈلۈك سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالىدىكەنمىز، بەزىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ھالىمىز قالماي، كۆرۈشمىسەك كارىمىز بولماي بۇ جاھاندىن ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ قانداق ئادەملەر بىلەن خىزمەتداش بولۇپ قېلىشمۇ شۇ كىشىنىڭ كەسپىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدىكەن.

  1990- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۈرۈمچىگە قەدەم قويدۇم. ئۇ ۋاقىتتا قەلبىمدە ھەم خۇشاللىق، ھەم ئەندىشە تەڭلا مەۋجۇت ئىدى. خۇشاللىقىم ئەمدى خىزمەتكە چىقىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان «چوڭ» ئادەم بولغانلىقىمدىن بولسا، ئەندىشەم بېيجىڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلدىم، ئەمدى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان بىرەر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلەرمەنمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. گەرچە ئۇ چاغلاردا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا قارىتىپ يېزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇشۇم قوينۇمدا بولغاچقا، ھازىرقىدەك خىزمەت تاپالارمەنمۇ؟ دېگەن ئەندىشە ئەمەس، پەقەت ئىشىم ئوڭۇشلۇق بولارمۇ؟ قانداق ئادەملەر بىلەن خىزمەتداش بولارمەن؟ دېگەن ئەندىشىلا مەۋجۇت ئىدى، خالاس. خىزمەت ئورنۇم 10 كۈن ئىچىدىلا مۇقىملاشتى، ئارىدا بىرنەچچە ئورۇن ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ھازىرقى ئورنۇمنى تاللاپ مۇقىملاشتۇردۇم. چۈنكى بۇ ئورۇندا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىبراھىم مۇتىئىي، ئەھمەد زىيائىي، ئامىنە غاپپار، مىرسۇلتان ئوسمان، ئابدۇشۈكۈر تۇردى... قاتارلىق پېشقەدەم ئالىملىرىمىز خىزمەت قىلغان، بۇ ئورۇننى جاھانغا تونۇتقانىدى. ئىجتىمائىي پەنگە ھەۋەس قىلىدىغان ھەر بىر زىيالىنىڭ قەلبىدە بۇ ئورۇننىڭ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى» دېگەن نامى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىناتتى.

  خىزمەت ئورنۇمغا كېلىپ، ئىنستىتۇتىمىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەھبىرى خەلىم سالىخ ۋە پەرھات جىلان ئاكىلار بىلەن كۆرۈشتۈم. بۇ ئىككىسىنىڭ نامىمۇ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا قەلبىمگە «كۆپ قىرلىق زىيالىي» سۈپىتىدە ئورنىغانىدى. خەلىم سالىخ تىل تەتقىقاتچىسى بولۇشتىن تاشقىرى، ھەرقايسى ئەدەبىي ژۇرناللاردىكى شېئىرلىرى، چەت ئەلنىڭ رومان ۋە ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، كىتاب ھالەتتە نەشر قىلدۇرغان شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان سۈپىتىدە شۇ ۋاقىتلاردا ھەممىگە تونۇشلۇق ئىدى. پەرھات جىلاننىڭ «پۇل»، «ئالتۇن قاندىكى توي» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىدىن پارچىلار بىلەن غايىۋى تونۇشقانىدىم. بۇ ئىككىسىنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى «ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلەتتىم، ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىناتتىم» دېگەن غەلۋىلىرىمنى بېسىقىغا چۈشۈردى. شۇنداق، بۇلارمۇ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىشلەپ تۇرۇپمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن، تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتىغۇ! مەنمۇ تىرىشىپ باقاي!

  رەھىمسىز ئەجەل خەلىم سالىخ ئاكىنى 1992- يىلى 54 يېشىدا بىزدىن ئايرىدى. ئىنستىتۇتىمىزدا كەسپىي يېتەكچىمىزدىن پەرھات جىلان ئاكىلا قالدى. كۆپ ئۆتمەي ئۇنىڭ نەچچە يىللىق تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ، ئۇزۇن كېچىلەردىكى تولغىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانى نەشردىن چىقىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە زىلزىلە پەيدا قىلدى. بىز ئىشخانىدا پاراڭلىشىپ قالاتتۇق، بەزىدە بىرنەچچە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار پارىڭىمىزنىڭ ئاخىرىنى ئولتۇرۇشقىمۇ ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق. مەن پەرھات ئاكا بىلەن كۆپرەك ئەدەبىيات ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالاتتىم، بەزىدە يازمىلىرىمنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن پىكىر ئالاتتىم.

  «مەھمۇد قەشقەرى»، «ئورخۇن شەجەرىسى»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق رومانلىرى، «‹ئالتۇن قان›دىكى توي» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «گۇاڭجۇ شامىلى»، «ئاجايىپ سەپەردىكى ئاجايىپ ئىشلار»، «ئاق ئېتىم»، «پەرھات ۋە شېرىن ھەققىدە يېڭى قىسسە» قاتارلىق پوۋېست- قىسسىلىرى؛ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قوللانغان ئادەم ئىسىملىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنۋانلار توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇلما سوزۇق تاۋۇشلار»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش تارىخىدىن ئوبزور»، «تۈركىي تىللار ىلەن رۇس تىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ مەسىلىلىرى»، «تۈركىي تىللاردىكى ر ~ ز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشىگە نەزەر»، «چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى»، «19- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «تىل تەتقىقاتى يولىدا» قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللارنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىگە ئائىت 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىدە يازغۇچى، تىلشۇناس، تەرجىمان ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، كىشىگە جىمغۇردەك تۇيغۇ بېرىدىغان، كەمتەر، كىچىك پېئىل، ئېغىر- بېسىق مىجەزى، ئورۇنلۇق گەپ- سۆزلىرى، دىلغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان چاقچاقلىرى، چىقىشقاقلىقى بىلەن كۆپنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئۇستاز پەرھات مۇھەممەدئېلى جىلان ئاكا بىلەن 15 يىل خىزمەتداش بولۇپ ئۆتۈپتۇق، مانا ئاكا- ئىنى، ئاغىنە بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزغىمۇ ھەش- پەش دېگۈچە 26 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ جەرياندا پەرھات جىلان ئاكىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت، تىل تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرى ھەققىدە «‹پۇل›دىن ‹مەھمۇد كاشىغەرىي›گىچە» ناملىق سۆھبىتىمىزنى «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999- يىللىق 4-5- بىرلەشمە سانىدا ئېلان قىلدۇردۇم، 2007- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى «پەرھات جىلان ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى، يىغىندا مەن پەرھات جىلان ئاكىنىڭ مەخسۇس تەرجىمە ئەمگەكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن سېلىنغان ‹كۆۋرۈك›» ناملىق ماقالەمنى ئوقۇدۇم. بۇ ماقالە «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى سانىدا تولۇق بىر بەتكە بېرىلدى.

  شۇنداق، تۆھپىكارلىرىمىز ھەققىدە قانچىلىك سۆزلىسەك ئەرزىيدۇ، بىر ئەسەرنى مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ نەچچە يىللاپ يېزىپ تاماملاپ، بىر ناخشىچىنىڭ بىر ناخشىدىن تاپقان «ئۆرۈمە»سىنىڭ نەچچىدىن بىرىنى تاپالمايدىغان جاپاكەش زىيالىي بارىغا شۈكرى قىلىپ، ئاددىي- ساددا تۇرمۇشىنى ياشاپ كېتىۋېرىدۇكى، ھېچكىمدىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايدۇ.

  زىيالىي دېگەن نېمە؟ زىيالىي دېگىنىمىز ─ زىيا (نۇر) + لى (لىق)، يەنى نۇرلۇق ھەم نۇر تاراتقۇچى، ئۆگىنىپ ئىگىلىگەن بىلىم نۇرىدىن ئەتراپىدىكىلەرنى بەھرلەندۈرگۈچى دېمەكتۇر. ئوقۇپ ئەرشئەلاغا چىقىپ كەتسەڭمۇ، ئەتراپىڭدىكىلەر ئۇنىڭدىن بەھرلىنەلمىسە، سەن زىيالىي ئەمەس!!! مۇنتىزم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس، ماگىستېر، دوكتۇر دەرسلىكلىرىنى تاماملاپ، ئىلمىي ئۇنۋان تاجىنى بېشىڭغا كىيەلمىگەن بولساڭمۇ، ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا جۇغلىغان تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىنى ئاكتىپ كۈچ تەرىقىسىدە تارقىتىپ، ئەتراپىڭدىكىلەر ۋە ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن سۇنالىساڭ، ئۇلارنى نەپكە ئېرىشتۈرەلىسەڭ زىيالىسەن!!! مۇشۇلارنى ئويلاپ بىر ئادەمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە لىللا باھا بېرىشمۇ بىزدە تېخى مۇكەممەللىشىپ بولالماپتۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بەلكىم بىزدىكى ئۆزىمىزگە قويۇلغان زىيادە تەمەننا، باشقىلار بىزدىن ئېشىپ كېتەرمۇ دەپ قۇسۇر ئىزدەش، ھەسەت بىلەن ھەسرەتتىن پۈتكەن، رەنجىش بىلەن كۆرەلمەسلىكنى ئوراپ تۇرغان ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىققا باھانە- سەۋەب ئىزدەشتەك مۇرەككەپ پىسخىكىلىق ئاجىزلىق ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەچكە، يا ئۆزىمىز قىلالماي، يا باشقىلار قىلغاننى ياراتمايدىغان بىنورمال روھىي ھالەتكە كىرىپ قالغان ئوخشايمىز.

  خوش، ئەمدى بۇ يازمىمىزنىڭ باش پېرسۇناژى پەرھات جىلان ئاكا بىلەن تونۇشۇپ چىققاچ، قالغان مۇلاھىزىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.

  پەرھات جىلان 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەدئېلى جىلانوپ ئاكا ئەينى ۋاقىتتا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خادىم ئىدى، شۇڭا پەرھات جىلان توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنى رۇس مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ئۇ 1954- يىلىدىن 1961- يىلىغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە رۇس باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقىدى. 1961- يىلىدىن 1966- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىدى. 1967- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە بولغان 12 يىل داۋاىدا قۇيمىچىلىق ئىشچىسى، تاشچىلىق، ھەرىكەش، تۆمۈريول رېمونت قىلغۇچى بولدى ۋە تۈرلۈك ياللانما ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللاندى.

  ـــ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ــ دەيدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت ھەۋىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ـــ بىر قاتار شېئىرلارنى يازغانىدىم، بۇ شېئىرلىرىمنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ ئۆزۈمگە يارايدۇ. 1969- يىلى «پۇل» ناملىق تۇنجى ھېكايەمنى يازدىم، ئۇ خاتىرىلەردە تۈركىيەلىك مەلۇم ئاپتورنىڭ ھېكايىسىكەن دېگەن نام بىلەن تارقىلىپ يۈردى، دوستلىرىم ئاپىرىن ئوقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز قەلىمىمگە بولغان ئىشەنچىم ۋە ئىجادىيەتكە بولغان ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچەيدى.

  دېمەك، ئۇنىڭدىكى ئەسلىدىن بار بولغان يېزىقچىلىق خۇرۇچىغا قىزىقىش- ئىشتىياق ۋە تىرىشچانلىقى قوشۇلۇپ، كېيىنكى يېزىقچىلىق، تەتقىقات ۋە تەرجىمە ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈشىگىلا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا ئەينى يىللىرى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان دادىسىغا كىيگۈزۈلگەن ھەر خىل قالپاقلار قوشۇلۇپ، تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ئۇ ئامالسىز جان بېقىش ئۈچۈن ئۇلانباي تاغلىرىدا ۋە شەھەر سىرتىدىكى ئىش ئورۇنلىرىدا تاشچىلىق، ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە كەچلەردە ھېرىپ- چارچىغىنىغا قارىماي، قارا چىراغ يورۇقىدا جۇڭگونىڭ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نادىر ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.

  - ئوتتەك قىزىق ھەۋەسلىرىم ئۇزاققا سوزۇلغان سىياسىي، ئىجتىمائىي بېسىم ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىۋەردى. بىزدەك ئادەملەرنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇشى، خىزمەت قىلىشى ۋە ئەسەر يېزىشى سىياسىي جەھەتتىن چەكلىنەتتى. پەقەت «تۆت كىشىلىك گورۇھ» ئاغدۇرۇلۇپ، «سول»چىللىق لۇشيەنىگە خاتىمە بېرىلگەندىن كېيىنلا پۇقرالىق ھوقۇقۇم ئەسلىگە كېلىپ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنۇمنى تاپتىم. لېكىن ياشلىقىمدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن مەھرۇم بولغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۆكۈنىمەن، - دەيدۇ ئۇ ياشلىق چاغلىرىدىكى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ.

  تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ بىر مەزگىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا قەلىمىي مەدىكار بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1979- يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا رۇسچە تەرجىمان بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەرجىمانلىق ھاياتى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي باشلىنىدۇ ھەمدە «سوۋېت تۈركولوگىيەسى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالنىڭ ھەرقايسى سانلىرىدىن تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە مەخسۇس كىتابلارنى تەرجىمە قىلىدۇ.

  - مۇنتىزم ئوقۇيالمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىدارىگە كەلگەندىن كېيىن ھەممىنى باشتىن باشلاپ ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. ھېلىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى رۇسچە ئوقۇپ، تاشچىلىق، ھەرىكەشلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىمدىن، رۇسچە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغانىدىم، ئىدارىغا كەلگەندىن كېيىن نەزەرىيەۋى كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ، ئەنە شۇلاردىن ئۆگەنگەنلىرىمنى رۇسچە تىلشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۈم.

  كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىرنەچچە پارچە ئەسىرىنىلا كۆرگەچكە، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەرجىمە ساھەسىگە سىڭدۈرگەن ئەمگىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تىل تەتقىقاتىغا سىڭدۈرگەن ئەمگىكىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. پەرھات جىلان ئاكىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى نېمە ئۈچۈن مەتبۇئات يۈزىدە كۆپ كۆرۈلمىدى؟ شۇ مەزگىللەردە تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇ تەرجىمە قىلغان مەخسۇس ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەر شاپىگىرافتا بېسىلىپ ئىنستىتۇت دائىرىسىدىلا تارقىتىلغان. بۇ ئەسەرلەرنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشقا ئۇمۇ، باشقىلارمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئۇ «بۇ پەقەت مېنىڭ خىزمىتىم، مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بۇ ئىدارىغا كەلگەندىن كېيىن، نام- ئاتاق، مەنپەئەت قوغلىشىپ نېمە قىلىمەن» دەپلا قارىغان. بۇنى ھازىرقى بىر- ئىككى پارچە مەشىق تەرجىمىسىنى مەتبۇئاتلارغا يوللاشقا ئالدىراپ، ئۇنىڭ بېسىلىپ چىقىشىنى سۈيلەپ، ئۆزى «ئەمدى داڭلىق تەرجىمان بولىدىغان بولدۇم» دەپ شېرىن خىياللاردا مەست بولۇپ يۈرىدىغان ھەۋەسكارلارغا سېلىشتۇرساق، نېمىدېگەن ئالىيجانابلىق، نېمىدېگەن كەڭ قۇرساقلىق؟!

  تەرجىمە پائالىيىتى تىل ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى. تىل تەپەككۇرنىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇق شەكلى، شۇنىڭ ئۈچۈن تىل ھالقىغان ئالماشتۇرۇش مۇقەررەر ھالدا تەپەككۇرغا چېتىلىدۇ. ئەگەر تەرجىمىنى «پەقەت مەنىدىكى ئالماشتۇرۇش» دەپ قارىساق، بەكمۇ ئاددىي بولۇپ قالىدۇ. تىل تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسى. ۋەھالەنكى، بۇ خىل تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلىشىشى ئاۋام تەرىپىدىن ئىختىيارىي ئاساستا قوبۇل قىلىنغان بولىدۇ. تەپەككۇر ئۇسۇلى تىلدا ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. مەدەنىيەت ئامىلى، سۆز ۋە جۈملە شەكلى خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئوخشاش بىر ئۇقۇمنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر تىلىدا ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەرجىمىمۇ تەپەككۇر پائالىيىتى بولغاچقا، تەرجىمە ئىچكى تەرجىمە ۋە تاشقى تەرجىمە دەپ ئايرىلىدۇ. ئىچكى تەرجىمە دېگىنىمىز ــــ باشقا مىللەت تىلىنى بىلگەن ئادەم شۇ مىللەت تىلىدىكى تېكىستنى پەقەت كۆڭلىدىلا چۈشىنىدۇ، يەنى بۇ خىل چۈشىنىش باشقا مىللەت تىلىدىكى سۆزلەرنى قىسقارتىۋېتىش، ئۇقۇمنى غۇۋا چۈشىنىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تاشقى تەرجىمە دېگىنىمىز ـــ باشقا مىللەت تىلىدىكى تېكىستنى غۇۋا چۈشەنگەندىن كېيىن، تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىللاردىكى ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. باشقا تىللارنى بىلگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەرجىمان بولالمايدىغانلىقىنىڭ سىرى دەل مۇشۇ يەردە.

  مۇشۇ جەرياندا ئۇ رۇس تىلىدىن بىر تۈركۈم يىرىك مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ كەسىپداشلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى. بۇ ئەسەرلەردىن بىر قىسمىنى كۆرۈپ باقايلى:

  1. ن. ئا. باسكاكوۋ: «تۈركىي تىللار» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، 1986- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.

  2. ئا. ديۇما: «گراف مونتې كرىستو» (رومان)، 1986- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

  3. يۇ. خۇدياكوۋ: «مەركىزىي ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ قورال- ياراغلىرى ۋە ئۇرۇش سەنئىتى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، 2003- يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

  4. [فېنلاندىيەلىك] م. سانىن: «تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىي فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1979- يىل.

  5. م. سېۋورتيان: «تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1980- يىل.

  6. ت. تالىپوۋ: «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1980- يىل.

  7. «تاتار تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ سپېكتىرلىق مەلۇماتلىرى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1981- يىل.

  8. «قىرغىز تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1981- يىل.

  9. ج. كلاۋسۇن: «ئۇيغۇر دېگەن نام توغرىسىدا» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1982- يىل.

  10. «تۈركىي تىللاردىكى ماقال- تەمسىللەر بىلەن تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ پەرقى ھەققىدە» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1982- يىل.

  11. «ئورقۇن مەڭگۈتاشلىرىدىكى ‹يەر-سۇب›» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1983- يىل.

  12. س. كىلياشتورنىي: «تەس مەڭگۈتېشى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1985- يىللىق 1- سان.

  13. س. كىلياشتورنىي: «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1985- يىللىق 1- سان.

  14. «ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئويغىنىش دەۋرى» (ئىلمىي ماقالە)، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى، 1989- يىللىق 3- سان.

  15. «مانى تۆۋە دۇئاسى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1994- يىللىق 1- سان.

  16. م. كىبىروۋ: «تۈركىي تىللاردىكى پېئىللارنىڭ تۈس كاتېگورىيەسى» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» 2007- يىللىق 1- سان.

  17. ئەرەنجەن خاراداۋان: «سەركەردە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012- يىلى نەشرى.

  يۇقىرىقى سەككىز پارچە مەخسۇس ئەسەردىن تۆت كىتابىلا نەشرىياتلاردا نەشر قىلىنغان، قالغانلىرى شاپىگىراف نۇسخا پېتى ئىز- دېرەكسىز يوقالغان. ئىلمىي ماقالىلەردىن شاپىگىرافتا بېسىپ تارقىتىلغىنى نۇرغۇن، ئۇنى ئۆزىمۇ ساناپ بېرەلمەيدۇ. يۇقىرىقىلىرى پەقەت ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغىنى.

  يۇقىرىقى تۆت پارچە مەخسۇس ئەسەردىن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر ئالېكساندىر ديۇمانىڭ «گىراف مونتى كىرىستو» ناملىق رومانى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب پەقەتلا ئۇنىڭ دۇنياۋى نادىر ئەسەر بولغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ جۈملىلىرىنىڭ راۋان، ئازادىلىكى، تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ۋە ئويناقلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئۇنى شۇ دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەرلا ئەمەس، ھازىرقى دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەرمۇ «تىلى ئاجايىپ چىرايلىق چىققان تەرجىمە ئەسەر جۇمۇ» دېيىشىپ تىللىرىنى چاكىلدىتىدۇ.

  باسكاكوفنىڭ «تۈركىي تىللار» ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئىشتىن سىرت ھەۋەس قىلىدىغان خادىملارنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ كەلدى. ئىلمىي ئەسەر تەرجىمە قىلىش ئەدەبىي ئەسەر تەرجىمە قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە چىدام تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىشلا ئەمەس، بەلكى شۇ تىلغا ھەرقانچە پۇختا ئادەم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشىنىپ، تېگىگە يەتمەك خېلىلا مۈشكۈل. مانا مۇشۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئادەتتىكى ياش تەتقىقاتچىلار ئەمەس، ئىبراھىم مۇتئىي، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئامىنە غاپپار كەبى ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىمىز قايىل بولغۇدەك ئورۇندىماق تېخىمۇ مۈشكۈل. ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى ئىنستىتۇت قارىمىقىدىكى تەرجىمە- ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى.

  پەرھات جىلان ئەپەندى رۇس تىلىدىن تەرجىمە قىلغان ئەمگىكىدىن باشقا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989- يىلى نەشر قىلغان ئىككى توملۇق «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت»نى تۈزۈشكىمۇ قاتنىشىپ، يالغۇز تەرجىمانلا ئەمەس، بەلكى بىر تەرجىمىشۇناس ۋە تىلشۇناس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ 1990- يىللاردىن كېيىن بەزى كوللېكتىپ ۋە شىركەتلەر قارىمىقىدا خەنزۇچە- رۇسچە تەرجىمان سۈپىتىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەرگە بىرقانچە قېتىم چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزچە ۋە يازمىچە تەرجىمانلىقىنى كۆڭۈلدىكىدەك تۈگەتكەچكە، ئۇلار بىرقانچە قېتىم رەھمەت خەتلىرىنى يازغان ۋە ئىدارىغا كېلىپ، يۈزتۇرانە رەھمەت ئېيتقانىدى. دېمەك، ئۇ رۇسچە- ئۇيغۇرچە يېزىقچە تەرجىمانلا ئەمەس، بەلكى رۇسچە- خەنزۇچە، خەنزۇچە- رۇسچە ئېغىز تەرجىمە ۋەزىپىسىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇندىن باشقا ئۇ تۈركچە ماتېرىياللارنىمۇ بىۋاسىتە كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ ھەم تەرجىمە قىلالايدۇ.

  خەلقىمىز قەدىمدىن بۇيان مەدەنىيەتلەر دوقمۇشىغا جايلاشقانلىقىدەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن كۆپ تىللىق مىللەت ئىدى. قەدىمكى ئۇستازلىرىمىزدىن كوماراجىۋا (4-5- ئەسىرلەر)، سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ (10- ئەسىر)، ئاپرىنچۇر تېكىن، مەھمۇد كاشغەرىي قاتارلىقلار ئانا تىلىدىن باشقا قەدىمكى خەنزۇ تىلى، تۇخار تىلى، ئەنەتكەك (سانسكرىت – قەدىمكى ھىندى) تىلى ۋە ئەرەب- پارس تىللىرىنى پۇختا بىلگەن. يۈەن سۇلالىسى قۇبلاي خان دەۋرىدە (1260- 1294) ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئەنزاڭ، داجەنتۇ قاتارلىق مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە خەنلىن بىلىم يۇرتىنىڭ 47 نەپەر ئۇيغۇر ئەزاسى (بۇلاردىن 26 سى شۇ چاغدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان «تەشرىپدار» ئۇنۋانىنى ئالغان) ئانا تىلىدىن باشقا، موڭغۇلچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى پىششىق بىلگەن. ئۇلار تىبەت تىلىدىكى بۇددا تېكىستلىرىنى خەنزۇچىغا ۋە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇلچە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. كلاسسىك كۇڭزى ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇلچە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. شۇ دەۋردىكى كاتتا ئۇيغۇر ئالىمى، دىپلومات قارۇناداس سانسكرىت، تىبەت، موڭغۇل، خەنزۇ تىللىرىنى بىلگەندىن باشقا، يەنە ھىندىچىنى ۋە سۇماتىرا ئارىلىدىكى بىرمۇنچە خەلقنىڭ تىللىرىنى بىلىدىكەن.

  فارابى (9-10- ئەسىرلەر)، يۈسۈپ خاس ھاجىپ (11- ئەسىر)، مەھمۇد كاشىغەرى (11- ئەسىر) ئەھمەد يۈكنەكى (12-13- ئەسىرلەر)، ئەلىشىر نەۋائىي (1441-1501)، مىرزا ھەيدەر كۆرەگان (1499- 1551)، خىرقىتى (1634- 1724)، زەلىلىي (؟- 1672)، نەۋبەتى (؟-1697)، مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى (18- ئەسىر)، ئابدۇرەھىم نىزارىي (1770- 1848)، ھۈسەيىنخان قۇتبىددىنشاھ تەجەللىي (1850- 1930) قاتارلىق ئالىم- مۇتەپەككۇرلىرىمىز كۆپ تىللىق ئۇستازلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئانا تىلى ۋە باشقا تىللاردا ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى راۋان يازالايتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئانا تىلدىن باشقا پارس، ئەرەب، ئوردۇ، ھىندى، يۇنان تىللىرىدىن كەم دېگەندە ئىككى خىل تىلنى پىششىق بىلگەن. بۇلاردىن تەجەللىي ئەرەب، پارس، ئوردۇ، ھىندى تىللىرىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىلنى پىششىق بىلگەن ۋە شۇ تىللاردا ئەسەرلەر يازغان. مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، ئەرەب، پارس تىللىرى قاتارلىق يەتتە- سەككىز تىلنى پۇختا ئىگىلىگەن؛ بەزى مەنبەلەردە فارابىي 70 تىن ئارتۇق تىلنى بىلگەن دېيىلىدۇ. ئۆز ئانا تىلى ۋە باشقا مىللەت تىلىدا يازغان پاساھەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان بۇ دانالىرىمىز ئالدى بىلەن ئانا تىلنىڭ يېتۈك ئۇستازلىرىدىن ئىدى.

  پەرھات جىلان ئەپەندى كوماراجىۋا، سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ، ئاپرىنچۇر تېكىن، فارابىي، مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي... كەبىي تىل ئۇستىلىرى ۋە تەرجىمىشۇناسلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى خۇش قىلغۇدەك نەتىجە ياراتتى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمگەكلىرى ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئىشلەش جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە تىل تەتقىقاتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىشىغا ۋە تارىخىي رومانچىلىقتا بايراقدار بولغۇدەك ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى. ئەپسۇس ئۇ رۇسچە تەرجىمانلىقتىن تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن تىل تەتقىقاتى، ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە مەمۇرىي خىزمەت سەۋەبىدىن، تەرجىمە ساھەسى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنالمىدى. بولمىسا ھازىرقىدەك مەتبۇئات ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن شارائىتتا ئوقۇرمەنلەر ئۇنى مەخسۇس رۇس تىلىدىن ئەدەبىي ھەم ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىستېداتلىق تەرجىمان سۈپىتىدە تونۇغان بولاتتى.

  دېمەك، پەرھات جىلان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى ئەمگىكى بىزگە شۇنداق بىر چوڭقۇر ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇكى، كىم ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باشقىلارنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەن، ئىجتىھاد بىلەن ئۆگىنىشى، ھازىرقىدەك «قوش تىللىق»، «كۆپ تىللىق» بولۇش تەكىتلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ چۈشىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر بايلىقىدىن كەڭ بەھرىمەن بولۇشى، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنى تونۇش ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىشى زۆرۈر.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر