خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۈزەل شىنجاڭنىڭ تۆت پەسىلىدىكى مەنزىرىسى ئىچىدە، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ كۈزدىكى رەڭدار مەنزىرىسى، ئىللىق قۇياش نۇرى، سىرلىق تۇمانلىق ھۆسنى كىشىلەرنى ئىختىيارسىز جەلپ قىلىدۇ. كۈز ئايلىرىدا يېشىل پاياندازدەك ئوتلاقلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، ئالتۇن رەڭلىك ئورمانلىق بىلەن بىرىكىپ، تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرىدۇ. تاغ باغرىدىكى كۆز يەتكۈزسىز ھوسۇللۇق ئېتىز بەرىكەتلىرىدىن دېھقانلارنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرۈپ، خاتىرجەملىك ئىلكىدە قىشلىق ئۇيقۇغا تەييارلانغاندەك كۆرۈنىدۇ. يېزا، كەنتلەردىكى كىچىك يوللاردا ماڭغاچ يول ياقىسدىكى مول ھوسۇل شاتلىقىغا چۆمگەن جاپاكەش دېھقانلارنى ئۇچرىتىپ، باغلاردىن تارىغان مېۋىلەرنىڭ دىماقلارنى يارغۇدەك خۇش ھىدىنى ھىدلىغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى جەننەت كەبى گۈزەل ماكانغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى