خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئۆكتەبىر، مىسىر قاھىرە تىياتىرخانىسىدا يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئەما قىزلار مۇزىكا ئۆمىكىدىكى مۇزىكانتلار مۇزىكا ئورۇندىماقتا.
كۆرۈش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرىغان ۋە ئەما 40 نەپەر قىزدىن تەركىب تاپقان، غەرب كلاسسىك مۇزىكىلىرى ۋە شەرق مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ، بەش چوڭ قىتئەدە سەييارە ئويۇن قويغان بۇ ئۆي ئىچى مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ بىر يېقىملىق ئىسمى بار: ئۇ بولسىمۇ، يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد. يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئەما قىزلار مۇزىكا ئۆمىكى 1988-يىلى تۇنجى قېتىم ئاۋسترىيەگە بېرىپ ئويۇن قويۇپ، چەت ئەللەرگە تونۇلۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن مۇزىكا ئۆمىكى بەش چوڭ قىتئەدىكى 24 دۆلەتكە بېرىپ سەييارە ئويۇن قويغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى