خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەچ كۈزدە، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى بويىدا سۇلار شىرىلداپ ئېقىپ، سەھەردىكى قۇياش نۇرى خۇددى ئالتۇن رەڭ كەبى كۆل يۈزىدە يالتىرايتى، كۆل يۈزى مەيىن شامالدا ئاستا دولقۇنلىنىپ، يالت - يۇلت نۇر چاقنىتاتتى؛ كۆككە تاقاشقان ئىگىز تاغلار قۇياش نۇرى ئاستىدا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى، بۇلاق سۈيى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجانغا ئوخشاش شىددەت بىلەن تاغدىن پەسكە ئېقىپ چۈشەتتى. بۇلار بىرلىشىپ خۇددى ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى