خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10 - ئايدا، شىنجاڭ باغراش كۆلى بىر يىل ئىچىدىكى مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ساپسېرىق قۇملۇق، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى، كۆپكۆك ئاسمان، ئەگرى - بۈگرى قۇملۇق تاشيولى مەنزىرىسى گۈزەل تەبىئەت مەنزىرە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى.
باغراش كۆلى قەدىمدە «غەربىي دېڭىز» دەپ ئاتالغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، جۇڭگو شىنجاڭ قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرىپىدىكى باغراش ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان. باغراش كۆلىنىڭ كەڭ، تۇمان باسقان چەكسىز سۇ يۈزىدە بىپايان قۇملۇق جىلۋىلىنىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «قۇملۇقتىكى غەربىي دېڭىز» مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى