خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسى ئاچا-سىڭىللار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى 27-سېنتەبىر ئۇزۇن بازىرىنىڭ ئۇچقار 2-كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى.
كۇچا ناھىيەسى ئاچا-سىڭىللار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2660 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 450 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش ئاساسلىقى كەشتىچىلىك زاۋۇت سېخى، لايىھەلەش زالى، سېتىش زالى، كۆرگەزمە زالى، ئەنخۇي كەشتىسى زالى، سۇجۇ كەشتىسى زالى، ئاچا-سىڭىللار ئىشخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەرخىل قول ھۈنەرۋەن كەشتىچىلىك بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، دوپپا، كارىۋات بۇيۇملىرى، ھەرخىل ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدىغان، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن
ئاچا-سىڭىللار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇشىدا 2016-يىل 3-ئايدا ئىش باشلانغان، قۇرۇلۇشقا 4 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش بۇ يىل 6-ئايدا تەكشۈرۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان.
نۆۋەتتە، ئاچا-سىڭىللار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارەت باشلىغان كۈندىن باشلاپ 150 دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.
سۈرەتتە : 27-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن كۇچا ناھىيەسى ئاچا-سىڭىللار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى