خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) 21- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق «قۇياش نۇرى» پىدائىيلار جەمئىيىتىدىكى خادىملار كورلا رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغان ھەر مىللەت بوۋاي-مومايلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئۇن، ياغ، گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، پۇت-قوللىرىنى يۇيۇپ قويۇپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، لېي فېڭچە روھنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.
سۈرەتتە: پىدائىيلار ياشانغانلاردىن ھال سورىماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى