خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- سېنتەبىر، 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو _ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمە پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى .
«گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» كۆرگەزمە سارىيىدا، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى بويىچە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. بۇ قېتىم، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە نەپىس مەھسۇلاتلاردىن 1000 نەچچىسى كۆرگەزمە قىلىندى، مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى، قول بىلەن ئويۇلغان، قول بىلەن توقۇلغان ۋە 4- نۆۋەتلىك چېۋەر ئاياللار مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر قاتارلىق ھەر خىل نەپىس قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى