باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شادلىق ئۈچۈن ھۇررا!!!»

2016.08.26 15:18   مەنبە: خەلق تورى

«شادلىق ئۈچۈن ھۇررا!!!»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) 20 - ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 9 دا، دۆلەتلىك تۆت ئا دەرىجىلىك سەيلىگاھ يوپۇغا داۋاكۆل سەيلىگاھىنىڭ يېڭىدىن ئورنىتىلغان سۇ ئۈستى ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش تۈرى مەيدانىدا قىقاس كۈلكە ساداسى كۆتۈرۈلدى. شۇ كۈنى بۇ يەردە شەندۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى، قەشقەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يوپۇغا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن دۆلەتلىك تۆت ئا دەرىجىلىك داۋاكۆل سەيلىگاھى بىرلىشىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ قالتىس نەق مەيدان مۇسابىقە پىروگراممىسى __ سۇ ئۈستىدە ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان «شادلىق ئۈچۈن ھۇررا!!!» پىروگراممىسىنىڭ يوپۇغادا سۈرەتكە ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ماھىرلار مۇسابىقىلەشتى. 1 - باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتناششقان 12 ماھىر ئىچىدە بايئاۋات يېزىسىدىن كەلگەن ئەخمەتجان داۋۇت 35 سېكۇنتتا ئالتە ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ غەلىبە قىلدى ۋە بىر ئېلېكتىرونلۇق قازان بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىروگراممىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا شەندۇڭ ئۆلكىسى ياردەم قىلغان بولۇپ، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى سۇ ئۈستى ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تۈرگە جەمئىي 9مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، مۇشۇ يىل مايدا قۇرۇلۇش باشلانغان.

  پائالىيەتتە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن شەھىرىدىن كەلگەن ۋە يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ئارتىسلار ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. قايناق ھېسسىياتقا تولغان، گۈزەل ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈككەن ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۇ ئۈستىدە ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، كەيپىيات يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

  -- يوپۇغا ناھىيەسى خېلى يىللاردىن بېرى ئۆزگىچە ساياھەت ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ساياھەت بايلىقلىرىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىپ، ساياھەت كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرماقتا. يوپۇغا ناھىيەسى بۇ پىروگراممىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، داۋاكۆل ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ مەملىكەت بويىچە تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ،-- دېدى يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىمىنگۈل ياسىن.

  «12- بەش يىل»دىن بۇيان يوپۇغا ناھىيەسى «ساياھەتچىلىكتە كۈچلۈك ناھىيە بولۇش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ناھىيە ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى كۈچلەندۈرۈش، نەپىس ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىش، ساياھەت بايراملىرىنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، قەدىمىي ئىزنالار، بوستانلىق قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇدا تەرەققىياتىغا يول ئاچتى. 2012 - يىلىدىن باشلاپ 111 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، داۋاكۆل قۇملۇق ساياھىتى باغچىسىنىڭ تۈرلۈك ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىنى ياخشىلىدى. بەش يىلدا ناھىيە بويىچە قىلىنغان ساياھەت كىرىمى 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاكۆل سەيلىگاھىلا ھازىرغىچە دۆلەت ئىچىدىن 1 مىليون 217 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) نى كۈتۈۋېلىپ، 605 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى. ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار 1500 دىن ئاشتى.

  ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يوپۇغا ناھىيەسى يەنە سەھرا ئارامگاھى ساياھىتىنى كۈچەيتتى، ھازىرغىچە 10 مەمۇرىي كەنتتە سەھرا ساياھىتى يولغا قويۇلۇپ، 500 دىن ئارتۇق دېھقان ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان 3 - كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ساياھەتچىلىكتىنلا قىلغان يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ساياھەتچىلىك دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆ…
    ·ئىستانبۇلنىڭ ئىككى خەلقئارا ئايروپورتىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى
    ·دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 150 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلدى
    ·مائارىپقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق لىكسىيە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى
    ·27 ئۆلكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش دېگەندەك ناملار بى…
    ·تۈركىيە ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 28–ئاۋغۇست تىزىملاش باشلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلا…
    ·جۇڭگو ۋە تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 4- قېتىملىق يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ