باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

4- نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» شىنجاڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.08.23 11:35   مەنبە: خەلق تورى

4- نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» شىنجاڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) «يىپەك يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭدا مۇجەسسەملىنىش» تېمىسىدىكى 4 - نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» شىنجاڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىسى 18 - ئاۋغۇستتىن 21 - ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت كەسپى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جېڭ قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئىجادىيەت مۇسابىقىسى، تور مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيەتلىرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن، «يىپەك يولى» ئىقىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەت، رايون ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى 200 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيەت كارخانىسى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيىتى، مەدەىيەت يادىكارلىقلىرى بويۇملىرى، گۈزەل سەنئەت، كارتون ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رادىيو - تېلېۋىزىيە- نەشرىيات، جىسىمسىز مەدەنىيەت بويۇملار قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە كۆرگەزمىگە قاتناشقان.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيەت كەسىپلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرى كۈچلۈك كۆرگەزمىگە ئايلاندى.

  كۆرگەزمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىنىشىچە، 152 مەدەنىيەت تۈرىدە كېلىشىم ياكى توختامى ئىمزالانغان، پۈتۈشۈش ئومۇىي سوممىسى 800 مىليون يۈەنگە، نەق مەيداندا بولۇنغان سودا سوممىسى 178 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئۈچ كۈنلۈك كۆرگەزمىنى 120 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما كۆرگەن ۋە ھەرقايسى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى
    ·گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخى…
    ·پۇتىن بىلەن نەزەربايېۋ رۇسىيەنىڭ سۇچىدا سۆھبەتلەشتى
    ·چىن ئىخلاسىمىز ۋە مېھرىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولىمىز
    ·شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە 1866 ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدۇ
    ·ئۆزبېكىستان ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى 
    ·ئەردوغان تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى
    ·قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى كېلەر يىلى 1 – ئايغىچە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئايدىڭ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىززىق لېنىيە تېلېفونى ئېچىلدى