خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئاۋغۇست، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئەزاسى جۇ تىڭ سەبداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ غەلبىنى تەبرىكلىمەكتە.
مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ئۇزۇنغىچە تاپالمىغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 16- ئاۋغۇست كەچتە مۆجىزىلەرچە ھۇجۇمغا ئۆتتى. لاڭ پىڭنىڭ باشچىلىقىدا، ئۇلار ماراكانائۇ تەنتەربىيە سارىيىدا 3 : 2 قارشى نەتىجە بىلەن چىمپيۇنلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ساھىبخان بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋالىبول يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى