خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ئاۋغۇست، 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى كۆرگەزمىسى» دېيىلىدۇ) ۋە 2016- يىللىق 12- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساقچىلار ئىشلىتىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تېخنىكىلىق قورال-جابدۇقلار يەرمەنكىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.
بۇ نۆۋەتلىك بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى كۆرگەزمىسى «ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شىنجاڭنى ئامان-ئېسەن قىلىش، تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما قىلىنغان، كۆرگەزمە مەزمۇنى بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقچىلار ئىشلىتىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرنى ئاساس قىلغان. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەچچە داڭلىق كارخانىلار ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كەلگەن، بىر نەچچە دۆلەتتىن ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، خېنەن، جېجىياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق 24 ئۆلكىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشتى، كۆرگەزمە كۆلىمى 20 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كارخانا ۋەكىللىرى بولۇپ 1000دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى