باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

غەربىي دىياردا چاقنىغان دولان مەدەنىيىتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت

2016.08.12 15:15   مەنبە: خەلق تورى

غەربىي دىياردا چاقنىغان دولان مەدەنىيىتى

  دولان مەدەنيىتى - دولان مەشرىپى، دولان مۇقاملىرى، دولان دېھقانلار رەسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان، كۆپ مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر قاتلاملىق كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئۇ، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، ھەر تۈرلۈك تۇرمۇش خام ماتېرىياللىرىنى تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە يارىتىلغان ۋە ئۆزگىچە بولغان مەدەنىيەت تۈرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمى، زەرەپشان دەرياسىدىن تارىم دەريا ساھىلىنى مەركەز قىلغان دولان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا تارقالغان، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مەكىت ناھىيەسىگە كەڭ تارقالغان. مەكىت ناھىيەسى دولان مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان ئانا ماكانى، ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ مۇنبەت دىياردا ھايات كەچۈرۈۋاتقان دولان ئۇيغۇرلىرى ھالال ئەجىر-مېھنىتى ئارقىلىق مول ماددىي بايلىقلارنى يارىتىپلا قالماي، يەنە ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تاينىپ دولان روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان دولان مەشرىپى، دولان مۇقاملىرى، دولان دېھقانلار رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دولان مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلىك تەسىر قوزغىدى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىنى يەنىمۇ بېيىتتى. پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ دولان مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىياسەت جەھەتتە قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلىشى نەتىجىسىىدە، دولان مەدەنىيىتى غەربىي دىيارنىڭ مەشھۇر مىللىي مەدەنىيتىنى مەنبە قىلغان دۇنياۋى مەدەنىيەت ماركىسىنى ياراتتى. جاھان ئەھلى بۇ ناھىيەگە جوڭگو مۇقام يۇرتى، جوڭگو دولان مەشرىپى يۇرتى، جوڭگو دولان دېھقانلار رەسىملىرى يۇرتى، دولان قويى يۇرتى، دولان مەدەنيىتىنىڭ بۆشۈكى، تەبىئىي مەدەنىيەت مۇزېيى دېگەندەك چىرايلىق ناملارنى بەردى.

  ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر دولان مەدەنىيىتىنىڭ بىباھا گۆھەردەك بۇنداق ساپ پېتى ساقلىنىپ قېلىشىنى مەكىتنىڭ بىر تەرىپىنى زەرەپشان دەرياسى، بىر تەرىپىنى تەكلىماكان قۇملۇقى ئوراپ تۇرۇشتەك بېكىنمە ھالەتنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملاشقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكىنى دەل دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇشقۇن، مەردانە روھىي قىياپىتى، قەتئىي كۈرەش ئىرادىسى، مول تەسەۋۋۇر كۈچى، قەيسەر خاراكتېرى بولۇپ، تەبىئىيلىكى، ساپلىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەن. مەزمۇنىنىڭ مول، ئاۋام تۇرمۇشىغا يېقىن، يېقىملىق ۋە جەلىپكارلىقى ئاممىۋى ئاساسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشىنى بەلگىلىگەن. بۈگۈنگە كەلگەندە دولان مەدەنيىتىنى قېزىش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى زور قوللاشقا ئېرىشىپ، قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن، ئەنئەنىنى زامانىۋىلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى.

  دولان مەشرىپى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەمدە مەكىت ناھىيەسى بولسا دولان ئۇيغۇرلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان، دولان مەدەنىيىتى ھەم دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائى ئامىللىرى ساپلىقىنى يوقاتماي ساقلىنىپ قالغان رايون. دولانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمان، ھېس-تۇيغۇلىرىنى تۈرلۈك سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، مول مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان. بۇرۇن دولان مۇقام ۋە مەشرەپلىرى پەقەت ئۆز يۇرتىدا خەلق ئارىسىدىلا خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلگەن بولسا، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قېزىپ، رەتلەپ، تونۇشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، 2006- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، نەتىجىدە دولان مەدەنىيىتى دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن، دولان مۇقامچىلىرىمۇ يۇرت ئاتلاپ يۈرۈپ، چوڭ سورۇنلاردا، ھەتتا خەلقئارا سورۇنلاردا دولان مۇقامىنى ياڭراتتى.

  دەسلەپتە 1986- يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەندە مەكىتتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى دولان مۇقامىنى ئورۇنلىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇقامچىلار كىشلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. 1992- يىلى 9- ئايدا، خاڭجۇ شەھەرلىك باغ-ئورمانچىلىق ئىدارسىنىڭ تەكلىپى بىلەن «خاڭجۇ شەھەرلىك ۋۇشەن ئىبادەتخانىسى سەيلە-ساياھەت بايرىمى»غا قاتىنىشىپ، خاڭجۇ شەھەر خەلقى ۋە چەتئەلدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرشكەن.

  1993- يىلى 9- ئايدا ئاپتونوم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مەدەنىيەت مىنىسىتىرلىقى ۋە شېنياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، شېنياڭغا بېرىپ «خەلقئارا بايرام»غا قاتناشقان، 2003- يىلى 11- ئايدا جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو ئەل ئىچى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كېچىلىكى»دە دولان مۇقامىنى ئورۇنلىغان، 2004- يىلى 4- ئايدا فىرانسىيە دۆلەت مەدەنىيىتى مەركىزىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، پارىژ شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە دولان مۇقامىنى ئورۇنلىغان، 2005- يىلى 1- ئايدا cctvغەربىي رايون ئازسانلىق مىللەتلەر تېلېۋىزور پروگراممىسىدا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مەملىكەت بويىچە كوللېكتىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

  2005- يىلى ۋە 2013- يىلى فىرانسىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن «پارىژ خەلقئارالىق ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى»غا قاتناشقان. 2005- يىلى 11- ئايدا تەكلىپ بىلەن ياپونىيەگە چىقىپ، « يىپەك يولى سەنئەت بايرىمى»غا قاتناشقان.

  2006- يىلى 6- ئايدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا سەھرا مۇزىكا بايرىمى»غا قاتناشقان.

  2006- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو-شىنجاڭ ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى»غا قاتنىشىپ، «ئالتۇن داپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2007- يىلى 10- ئايدا تەكلىپ بىلەن گوللاندىيە، بىلگىيەگە بېرىپ دولان مۇقامىنى ئۇرۇنلىغان.

  2009- يىلى جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئورنى تەشكىللىگەن «دۆلەت شامىلى» ئەل ئىچى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، «ۋەكىللەر ئۆمىكى»نىڭ تەركىبىدە تەيۋەنگە بېرىپ دولان مۇقامىنى ئورۇنلىغان.

  2013- يىلى 7- ئايدا، گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە دولان مۇقامىنى ئورۇندىغان. 2013- يىلى پايتەخت خەلق سارىيىدا شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى بىلەن بىللە، چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇل «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ۋە باشقا سەھنىلەردە دولان مۇقامىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇر دولان مۇقامىنى، دولان مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلغان. ھازىر مەكىت ناھىيەسىدىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى دۇنيا تونۇدى، بۇنىڭلىق بىلەن، دولان يۇرتىنىڭ داڭقى يىراق-يىقىنغا تارالدى. مەكىت ناھىيەسىمۇ مۇقامچىلارنىڭ ماكانى بولغان يانتاق يېزىسىدا «دولان يۇرتى» ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ، بۇ ئورۇننى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى قوغداش، دولان مۇقام ۋە مەشرەپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم ۋارىس تەربىيەلەش مەركىزى قىلىپ بېكىتكەن.

  ئۇ مەركەز بىر ئۆمۈر نۇرغۇنلىغان مۇقام ۋارسلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى
    ·«مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلىم ئىشلىرىدىكى چوڭ تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش، باشقۇرۇش چارىسى» چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ئۇدا بەش يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى
    ·100 نەپەر نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ
    ·ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشتى
    ·تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشىشىدە چوڭقۇر مەنا بار
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تولۇق كۇرس 3 - تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىسى سەپلىنىدۇ
    ·2016-يىللىق ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى
    ·فرانسىيە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ