سۈرەتتە: ئوقۇرمەنلەر شياڭگاڭ كىتاب يەرمەنكىسىدە كىتاب كۆرمەكتە (22-ئىيۇل تارتىلغان)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىتاب يەرمەنكىسى 26-ئىيۇل ئاخىرلاشتى، يەرمەنكىگە 1 مىليون 20 مىڭغا يېقىن ئادەم (قېتىم) كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن ھەر قايسى نۆۋەتلىكنىڭ رېكورتىنى بۇزدى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى شياڭگاڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىتاب يەرمەنكىسىگە كەلگەنلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئەڭ يېڭى كىتاب سېتىۋېلىش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رومان قاتارلىق ئەدەبىي كىتابلار ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇدا يەتتە كۈن ئېچىلغان شياڭگاڭ كىتاب يەرمەنكىسىگە 35 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 640 ئورۇننىڭ كىتاب سودىگەرلىرى يەرمەنكىگە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى