خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: « تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى » شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 26-ئىيۇل كەچتە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە ياشلار كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى مەيداندىكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى