خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى) چۆگلىمەيار چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ بىر ئېقىن. 1980-يىللاردا بۇ ئېقىننىڭ بىر نەچچە يېرىدە بۇلاقلار بۇلدۇقلاپ تۇراتتى، شەھەر ئاھالىلىرى شۇ بۇلاقلارنىڭ سۈيىنى ئىچەتتى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئېقىن 1930-يىللىرى چەرچەن دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ چەرچەن دەرياسىنىڭ تەتۈرقاش بۆلىكىدىن سۇ تېشىپ كېتىپ، كەلكۈن ناھىيە بازىرىغا كىرىپ ھاسىل بولغان ئېقىن ئىكەن. بۇ ئېقىن ناھىيە بازىرىنى بىر نەچچە يەردىن ئايلىنىپ چۆگىلەپ ئاققاچقا، كىشىلەر چۆگلىمەيار دەپ ئاتىشىپ كەلگەن.
2012-يىلى تاڭشەن شەھىرىنىڭ چەرچەنگە ياردەم بېرىشى بىلەن چۆگلىمەيار ئېقىنىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىنىپ، رەسمىي قۇرۇلۇش قىلىندى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى سېسىق سۇ پۇراپ تۇرىدىغان چۆگلىمەيار ئېقىنى كىشىلەر سەيلە-ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
بۇ چۆگلىمەيار ئېقىنىنىڭ ھازىرقى كېچىلىك مەنزىرىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى