خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋاھىت ئېزىز خەۋىرى) قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە تۆت پېشقەدەم پارتىيە ئەزا ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 150 كىشى قاتناشقان چاي سۆھبىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
چاي سۆھبىتى پائالىيىتىدە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىق باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئادا قىلىش تەرتىپلىرى ھەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈز رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە پارتىيە دەرسى ئۆتۈلدى.
ئاخىرىدا تۆت پېشقەدەم پارتىيە ئەزا ۋەكىللىرىدىن 92 كىشىگە 200 يۈەندىن نەخ پۇل، 46 پارتىيە ئەزاسىغا 150 يۈەن قىممىتىدە بىر باكتىن سۇ يېغى، بىر خالتىدىن گۈرۈچ بېرىلىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى يەتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: يېزا مەسئۇللىرى تۆت پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا پۇل ۋە ماددى بۇيۇم تارقىتىپ بەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى