باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىسلاندىيە ئېنگلاندنى شاللىۋەتتى(1)

2016.06.28 16:08   مەنبە: خەلق تورى

ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىسلاندىيە ئېنگلاندنى شاللىۋەتتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئىيۇن، ئىسلاندىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى مۇسابىقىدىن كېيىن غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. شۇ كۈنى فىرانسىيەنىڭ نىستا ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى سەككىز كۈچلۈكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئىسلاندىيە كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنى شاللىۋېتىپ، سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.

  ئاساسەن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %3نى ئىگىلەيدىغان ئىسلاندىيە توپ مەستانىلىرى 27-ئىيۇن كەچتە ھاياجانلىق ناخشىلىرى ۋە چاۋاكلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا مەدەت بەردى، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئەڭ كىچىك دۆلەت ئىسلاندىيە كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن داڭلىق چولپانلار يىغىلغان ئېنگلاند كوماندىسىنى يەڭدى. بۇ، ئۇلارنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم قارشى تەرەپنى يېڭىشى ھەم تۇنجى قېتىم سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىشى بولۇپ قالدى.

  مۇسابىقە باشلىنىپ تۆت مىنۇت بولغاندا، رونىي بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئىسلاندىيەلىكلەر 14 مىنۇتتىلا ئىككى توپ بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئارقىدىن سالماق ۋە ئۆتكۈر قايتۇرما ھۇجۇملىرى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  ئەمدى «قاپيۈرەك» ئىسلاندىيە كوماندىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانى فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر