خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇن كەچ سائەت 8دە، ئۈرۈمچى يېڭى يولۇچىلار ۋوگزالىنىڭ چىراغ نۇرى ئاستىدىكى كېچە مەنزىرىسى كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى. گەرچە كېچە بارغانچە قاراڭغۇلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى ۋوگزالنىڭ شىمالىي مەيدانىدا، ھەر خىل ماشىنا - ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. قۇرۇلۇش خادىملىرى يەنىلا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، كەپشەر ئۇچقۇنلىرى ۋە ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئون نەچچە ئورۇننىڭ ئىشچىلىرى شىمالىي مەيداندا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 300 ئىشچى كېچىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلغان، ھازىر قۇرۇلۇش ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى