خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە كوماندىسى ماھىرى مۇللىر (ئوڭدا) بىلەن شىمالىي ئىرېلاندىيە كوماندىسىدىكى كاسكات مۇسابىقىدە چوققا توپنى تالاشماقتا. شۇ كۈنى، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان 2016 - يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى كىچىك گۇرۇپپا C گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، گېرمانىيە كوماندىسى 1 : 0 نەتىجە بىلەن شىمالىي ئىرېلاندىيە كوماندىسىنى يەڭدى.
تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان مارىئو گومىز مۇللىرنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىدى. ئۇ 21-ئىيۇندىكى C گۇرۇپپا مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى جېڭىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 1 : 0 نەتىجە بىلەن شىمالىي ئىرېلاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىشىگە ياردەم قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى